بۇلبۇل بلوگى

0

ئىككى تام

237

مېنى قىستاپ تامغا چاپلايسەن

ئاندىن تامغا قاراپ تاماششا قىلىسەن

ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى

ئەي تام!

مەن سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم سەن جىم تۇرغانسېرى

مېنى قىستاپ… دەپ باشلانغان ھېكايەم

سېنى قىزىقتۇرىدۇ ئاي شولىسىدەك

ئاندىن ئۇنىڭ ئاخىرى

تاماملىنار تامغا يېقىن

سەن ئۆزەڭنى تامدا كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىسەن

ئەينەككە يالغۇز قاراۋاتقىنىڭ يادىڭغا يىتىپ

ئۇھ تارتىسەن قىسقا ۋە چوڭقۇر

 

ئىككىڭلار ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل تۇرساڭلارمۇ

يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىلەر

مېنى كۆرەلمەيدىغان كۆزۈڭلار بىلەن

ئەينەك ياساپ چىقىسىلەر

بۇ ئەينەك

بىرسىڭلارنى كۆرسىتەر پەقەت

ئاندىن شېرىن خىيالىڭلاردا

كۇكۇم تالقان بولار ئاقىۋەت

ئاشۇ شېرىن خىيالىڭلاردەك

 

مەن قىستىلىپ – قىستىلىپ

بىر پارچە مەنزىرە رەسىمگە ئايلىنىمەن

سىلەر مېنى بۇ تامدىن ئېلىپ ئۇ تامغا چاپلايسىلەر

ئۇ تامدىن ئېلىپ بۇ تامنى تاپالمايسىلەر

كېيىن مەن

سىلەرنىڭ تارىخىي ئارزۇيۇڭلاردەك يوقىلىمەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ