بۇلبۇل بلوگى

0

ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى

244

سەن سىزساڭ دەريالارنى ئاسمانغا ئاققان

مەن سىزىمەن دېڭىزلارنى غەملەرگە پاتقان

 

سەن سىزساڭ چىمەنلەرنى گۈللەر ئېچىلغان

مەن سىزىمەن ياپراقلارنى قېنى چېچىلغان

 

سەن سىزساڭ ئاسمانلارنى زۇمرەت بېسىلغان

مەن سىزىمەن يۇلتۇزلارنى دارغا ئېسىلغان

 

سەن سىزساڭ چىرايىنى سۇلارنىڭ سۈزۈك

مەن كېچىنىڭ بارمىقىغا سالىمەن ئۈزۈك

 

سەن سىزساڭ بىر ناخشىنى تەندىن تۈزۈلگەن

مەن سىزىمەن سۇنۇق تەمبۇر تارى ئۈزۈلگەن

 

سەن سىزىساڭ شىرىن چۈشنى كارۋات ئۈستىدە

مەن سىزىمەن شىرىن خىيال قەبرە ئىچىدە

 

سەن سىزساڭ بىر ھەيكەلنى ئالتۇن يالاتقان

مەن سىزىمەن ئۈچ ئوغلۇمنى قىلىچلار ئاسقان…

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ