بۇلبۇل بلوگى

0

ئىدىقۇت

238

نامى مەشھۇر ئىدىقۇت شەھرى شۇمۇ،

نېمىدېگەن تېز چۆرگىلەيدۇ بۇ پەلەك!

ئىككى ئون ئەسىر دېگەن ئاز گەپمىدى،

بىر ئەسىر يۈز يىلغا تەڭ تۇرسا، دېمەك.

قانچە قۇملار كۆچتى، قانچە يەل سوقۇپ،

قانچە خانلار ئۆتتىكىن دەۋران سۈرۈپ؟

ھېچبىرىدىن قالمىغان ئىز ۋە نىشان،

بىرلا قورغان تۇرىدۇ قەد كۆتۈرۈپ.

نېمىدېگەن پۇختا بۇ قورغان تاملىرى،

ئۇنى سوققان مەرد يىگىتلەر كىمىكىن؟

ھەربىرى گويا تۇلۇقتەك كېسىكى،

ئۇنى قۇيغان ئەزىمەت دىۋىمىكىن؟

ئاندا پەشتاق قالدۇقى، مۇندا مۇنار،

قۇم بېسىپ ياتقان پەلەمپەيلەر قاتار.

كىم بىنا قىلغان بولغاي بۇ قەسىرنى،

شۆھرىتى ئالەمچە بار، ئالەمچە بار.

كۆچتى قۇملار قانچە-قانچە يەل سوقۇپ،

ئۆتتى ئەجداد ئوق ئېتىپ، ئات چاپتۇرۇپ.

قالغىنى بىزگە تەۋەرۈك توپىسى،

بىزمۇ قەسىر قۇرماقتىمىز يەڭ تۈرۈپ.

نې ئاجايىپ قەسىرلەر بولغاي بىنا،

شۇ زېمىننىڭ توپىسى بولسا ئامان.

ئىدىقۇت شەھرى-پەقەت خارابە، بەس،

تاڭ قالۇر يېڭى شەھەرلەرگە جاھان!

1980-يىل 2-ئۆكتەبىر، تۇرپان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ