بۇلبۇل بلوگى

0

ئىچىمدىكى دۈشمەن

188

ئىككى مەست گەپ تالىشىدۇ

مۇھەببەت ھەققىدە ۋەز ئېيتىدۇ ئۈچىنچى بىرى

ئۇنىڭ شۇنچىلىك خاتىرجەملىكى بىلەن

ئېچىلىدۇ ئەرلەرنىڭ سىرى

ئەرلەر ماتېماتىكىدىكى بىر تەڭلىمە

ئەرلەر ياز كېچىسىدىكى بىر تېۋىش

ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئالدىدىكى كىر دۆۋىسى

تازىلاشنى كۈتۈپ تۇرغان  ھويلا -ئارام

جېنى ئاستا چىقىۋاتقان قىش…

 

ئىككى مەسىتنىڭ بىرى كەتتى

قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يىتتى ئاۋازى

بۇ يەردە قالغىنى ئوتتەك تولغۇنار

خىياللىرىدا بىر قىزنىڭ نازى

رەت قىلىۋاتقان

قويۇپ بېرىشتىن زېرىككەن

تېخىمۇ چىڭ تارتىۋاتقان

ئاندىن گۇناھ تۇيغۇسىدىن تىرىككەن…

 

ئۈچىنچى بىرى يول ياكى تاكسى

ماڭساڭ يول ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان

توسساڭ سەندىن ئۆتۈپ كېتىدىغان

ئاخىرىدا ئاينىڭ يالغۇز نۇرلىرىدا

مەنىسىز بىر جەريان بولۇپ ئەكىس ئېتىدىغان

 

بارلىق ھېكايىلىرىڭنى ئاڭلاپ بولدۇم

بارلىق ئۇھ تارتىشلىرىڭدىن خەۋەر تاپتىم

كەلگۈسى ھەققىدىكى سۈكۈتلىرىڭنى يېپىنىپ

ئاۋۋالقىدەك تامغا قاراپ ياتتىم

 

تامنىڭ سوغۇقلىقى

يېقىنلىقى ياكى يىراقلىقى

مەن كۆرىدىغان تۈگە ئۆركىشى

كۆرۈنمەيدىغان، تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىغان قۇملۇق …

ئەمەس

ئىنتايىن تونۇش بىرى

ماڭا قاراپ تۇرىدۇ بىر پەس

 

گەپ تالىشىدىغان ھېچكىم قالمىدى

ئىچىمدىكى دۈشمەندىن باشقا

دېدىم ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ

ۋاقتى بولدى،

قېلىچ ئۇر باشقا!

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ