بۇلبۇل بلوگى

0

ئىچى تاشقا تولۇپ كەتكەن

218

مەرسىيە يازىمەن، ئەركىنگە ئاتاپ
ئىچى تاشقا تولۇپ كەتكەن
ئۇ تاشلارنى بىر ئۆمۈر كۆشەپ
ھەزىم قىلالمايلا ئۆلۈپ كەتكەن

بىر
ئىككى
ئۈچ…
زادى نەچچە تاش؟
ئۇ ساناپ بولالماس ئىدى ئازاب تېشىنى
ئىچىم قان-زەرداپقا ياكى قاندەك قۇيۇق كېچىلەرگە تولۇپ كەتتى دەپلا ئويلىغان
نالە قىلىپ خۇداغا، تولا تۆكۈپ يېشىنى
ئارزۇ-ئىستەك، قىساس يالقۇنى ھەمدە كۆز يېشى
ھەممىسى تۈگەپ، ھېچنەرسىسى قالمىغاندا
ئەزرائىل ئۇنى ئېلىپ كەتكەن…

ئەي تەڭرى، ئۇنىڭ ئىچىنى نېچۈن تولدۇردۇڭ تاشقا؟
شەيتانغا ئاتسۇن دېدىڭمۇ ياكى دۈشمەنگە؟
ئۇنىڭ ئىچىلا ئەمەس، تىلىمۇ بىر تاش
يېرىلمايدىغان، ھېچكىم كىرەلمەيدىغان
قورقۇنچلۇق−قاراڭغۇ
شۇڭا ھېچكىممۇ يېقىن يولاپ باقمىغان

ئىچى تولغان تاشلارنى ئىچكىي ئەزاسىدەك ئېلىپ يۈرىدۇ
ماشىنا ئادەمدەك ھېسسىياتسىز ھەم سوغ
بىر مۇردا بەكلا ئالدىراش
بىراق، ھەرقانچە ئالدىرىسىمۇ ۋاقىت
يەتمەيدۇ ھەم پۇللىرى−مۇئاش
نېمانداق بەركىتى يوق ۋاقىتنىڭ
بەركىتى يوق پۇللارنىڭ نېمە ئانچە
ھاياتىدا يېتىشمىگىنى يالغۇز ئۇلا ئەمەس، بەلكى
كۆپكۆك سۆيگۈ ھاۋاسى
ئەمما ئۇ رېئاللىقنىڭ چوڭقۇر كۆمۈر كېنىدا زەھەرلەنگەن ئۆپكىسى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەچكە
بىرەر قېتىممۇ سۈمۈرۈپ باقمىغان، سۆيگۈ ھاۋاسىنى
تۇنجۇقۇپ ئۆلسىمۇ «ھاۋا» دېمىگەن، ھېچكىمگە بىر رەت
بېشىغا ھېچقانچە كەلمىگەندەك دەرت

ئۇنىڭ كىمنىدۇر چىشلەپ ئۈزۈۋالغۇسى كېلەتتى بىر يېرىنى
بىراق ھېچكىمنى چىشلىيەلمەي ئۇزۇراپ كەتتى ئۇدۇل چىشلىرى
ئىسپىرمىدەك يىرىڭلارغا تولغان چىشنىڭ يىرگىنىشلىك يىلتىزى
قىسمەت جادۇگىرى قالدۇرغان ئۇنىڭغا ياشلىقىدا مۇشۇ ساقايماس جاراھەتنى
«چىشلىرىم ئۇزۇراۋېرىپ
ئايلىنىپ كېتەمدىم ئىلاھىي بۆرىگە ياكى
يوچۇن مەخلۇققا؟»
دەيتتى ئۇ سوئال قويۇپ ئۆز-ئۆزىگە

ئىگىن كىيسە
يىڭى ئۇزۇن كېلىپ قالاتتى
ئۇنىڭ قولى قىسقا ئۆتتى بىر ئۆمۈر
يەتمىدى ئاسمانغا، يۇلتۇزىغا سۇنسىمۇ تالاي
قانات چىقىرىپ ئۇچۇشنى ئويلىغان ئەمما
تۇغۇلمايلا قانىتى كېسىلگەننى بىلمەيتتى ئەسلا

ئۇ كېچىنىڭ باشقا بىر نامى
ياكى باشقىچە ئاتىلىشى ئىدى
ئۇ كېچىنىڭ تىلىدا ئەمەس
كېچە ئۇنىڭ تىلىدا سۆزلەيتتى
ئۇنىڭ قاراڭغۇ مېڭىسى بىلەن ئويلايتتى
قاراڭغۇ سېزىمى بىلەن سېزەتتى

كېچە ئورمانلىقىدىكى يىلان ئىدى ئۇ
گاھى دەرخكە يامىشىپ چىقىۋاتقان
تېشىدا پۇتى يوق بولسىمۇ ئىچىدىكى سانسىز پۇتلىرى بىلەن
گاھى تەنھالىق زېمىنىغا باغرىنى يېقىپ
شامالدەك سۈزۈك، غۇر-غۇر ئېقىۋاتقان

ئۇ ئۆز-ئۆزىنى سېلىپ تاشلايتتى
ساختا ھايات قاسرىقى كەبى
ياكى تېرە تاشلىغاندەك

ئىچى تولغان تاشلارنى ئىچكىي ئەزاسىدەك ئېلىپ يۈرىدۇ
ماشىنا ئادەمدەك ھېسسىياتسىز ھەم سوغ
بىر مۇردا بەكلا ئالدىراش
ئۇ ئامراق ئىدى كېچىگە قەۋەت
كېچىدۇر جەننەت ئىشىكىنى بېقىۋاتقان توز
گۈزەللىكنىڭ يالقۇنىدا ياسىنىپ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ