بۇلبۇل بلوگى

0

ئىچەي قەشقەر شارابىدىن

231

قاچانكىم ئاڭلىدىم بىر كۈي گۈزەل قەشقەر راۋابىدىن،

كۆڭۈلگە چۈشتى بىر سەۋدا ئۇنىڭ ئوتلۇق خىتابىدىن.

ساقالىم چۈشتى كۆكسۈمگە، ھامان سەۋدالىقىم سەۋدا،

تاپالماي بىر نىشان ئەپسۇس شىپاھى ۋەسلى بابىدىن.

تەئەججۈپ ئەيلىمەڭ دوستلار، كۆزۈمدىن ئاقسا دەريالار،

ئېرۇر ئەلۋەتتە قارلىق تاغ تومۇزنىڭ ئاپتابىدىن.

جاھاندا كۈلمىدىم بىردەم، ھەمىشە ھەمراھىم قايغۇ،

تېگەر باشىمغا مىڭ توقماق يەنە دەۋران ئىتابىدىن.

نېتەيكىم ھىجرى دەشتىدە ئاداشقان تەلۋە مەجنۇنمەن،

نېسىۋەم يوقمۇ مەنزىلگاھ يېزىلغان يول كىتابىدىن.

كۆكەرمەس تاغدىكى ئارچا بۇلۇتلار تۆكمىسە تامچە،

سولۇپ توزغايمۇ گۈل-غۇنچە بۇ تەشنالىق ئازابىدىن.

ئۇزات ساقىي پىيالەڭنى، ئەجەبمۇ چاڭقىدى مىسكىن،

ئېچىپ تەشنالىقى قانسۇن ئەزىز قەشقەر شارابىدىن.

1971-يىلى 8-دېكابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ