بۇلبۇل بلوگى

0

ئىچ – ئىچىدىن يىغلاش

380

يىغلىما دەپ تەسەللىي بەرسە،
ئىچ – ئىچىدىن يىغلايدۇ كىشى.
كۆزنى چۆلگە ئايلاندۇرىدۇ،
زورلاپ كەلگەن شاشلىق تەشۋىشى.
 
ياشىغىم يوق قاقاقلاپ يۈرۈپ،
بۇلۇڭدىكى يالغۇز مېھمانمەن.
كاتتا تويدا يىغلايمەن ئۈنسىز،
ماڭا باغاق خاتا بېرىلگەن.
 
نوغۇچ تۇتۇپ ھازا ئاچمايمەن،
ھەم چۈشمەيمەن ئۇسسۇل – دىسكوغا.
مېنى بىردەم تەنھا قويۇڭلار،
خاتىرجەملىك بۈيۈك بىر سوۋغا.
 
2003 – يىل 10 – ئاي
ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ