بۇلبۇل بلوگى

0

ھىجران يېشى

221

پىنھان،مەيۇس ھېسلار مەۋجى كۆكسۈمگە پاتماي،

كەزدىم ئاپئاق ئايدىڭدىكى ئاپئاق دالانى.

تەنھالىقتا بەرھەملىكنىڭ پەيتىنى تاپماي،

قۇچار ئىدىم بىئىختىيار، مۇڭلۇق ناۋانى.

 

شامال يىنىك پەرۋاز بىلەن روھىمنى بەزلەپ،

كېتەر ئېغىر دەملىرىنى توشۇپ يىراققا.

تەۋرىتىدۇ رىيازەتلىك ئىشقىمنى سۆزلەپ،

ئاي شولىسى جىلۋە قىلغان كۆلگە،بۇلاققا.

 

ئېڭىم ئارا زەڭگەر ساما غۇبارسىز ئەينەك،

ئاي سۈزۈلگەن خىيال كەبى دىلبەرنىڭ ئەكسى.

يۇلتۇز نازى ئۇنىڭ ئىستەك چوغىغا ئەرمەك،

ئۇ سۆيگۈگە جۇلا بەرگەن قۇياشنىڭ نەسلى.

 

تەلپۈنۈشنىڭ ئۇزۇن چېغى قويدى چارچىتىپ،

قۇچىقىغا ئالدى تۈننىڭ  قۇۋناق بىر چۈشى.

ئالغىنىدا شەپەق مېنى ئۇندىن ئاجرىتىپ،

كۆرگەنلىرىم ياپراقتىكى ھىجراننىڭ يېشى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ