بۇلبۇل بلوگى

0

ھىدايەتنامە

733

ﺋﯚﻣﯜﺭﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﻗﯩﺪﯨﺮﺩﯨﻢ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ،

ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺩﻯ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﭼﯩﻦ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻨﻰ.

ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻫﻪﺭ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺑﺎﻱ ﻣﻪﻧﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺳﺎﻫﻪﺗﻨﻰ،

ﺩﯨﻠﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﯩﺘﺘﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﻏﻪ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻣﻪﻗﺒﯘﻝ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ،

ﻛﯩﻠﯩﯔ ﺋﻪﻱ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﺎﺷﻼﻳﻠﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻨﻰ.

ﺳﯚﺯﯗﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻰ ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﻫ ﺑﯘ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪﻣﺪﯗﺭ،

ﺳﺎﻧﺎﻳﯘ ﻫﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﺗﯘﻣﻪﻥ ﻣﯩﯖﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﻣﺪﯗﺭ.

ﻗﯘﺭﯗﻕ، ﺗﯘﺯﺳﯩﺰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ، ﺋﻪﻗﯩﺪﻩﻣﺪﯗﺭ،

ﺑﯘ ﺩﻩﺋﯟﺍﻳﯩﻤﻐﺎ ﺑﯘﺭﻫﺎﻧﯩﻢ، ﻣﯘﺷﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺶ ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻣﺪﯗﺭ،

ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ ﺋﺎﻟﻼﻫﺘﯩﻦ ﻗﯘﻟﯘﻣﻐﺎ ﻛﯘﭺ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﻰ.

ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯘﭖ ﺋﻪﻳﻠﯩﺸﻪﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮﺍﯞﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻣﺪﯨﻦ،

ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﻪﻧﻤﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﭼﻪﺷﻤﻪﻣﺪﯨﻦ.

ﺋﯧﺰﯨﻘﺘﯩﻢ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻠﻪﺭ ﻧﺎﮔﺎﻫ ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩﻣﺪﯨﻦ،

ﺷﯜﻛﺮﯨﻜﯩﻢ ﺭﻩﻫﻨﺎﻣﻪ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺗﻪﯞﺑﻪﻣﺪﯨﻦ،

ﺋﯩﻼﻫﺎ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﯩﻞ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺑﻪﺧﺘﯘ-ﺋﺎﻣﻪﺗﻨﻰ.

ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﭺ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﺘﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻞ،

ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺵ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ، ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ.

ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻡ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯩﻦ ﻏﺎﭘﯩﻞ،

ﺋﺎﻗﯘﺭ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯩﻞ،

ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﺍﭼﻪﻛﻤﯩﮕﻪﻱ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﯩﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯚﭖ ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺗﻨﻰ .

ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﻫﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﺋﯘﭼﺎﺭ ﻗﯘﺷﻼﺭﻣﯘ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﻣﺪﻩ،

ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﯩﺲ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ.

ﯞﺍﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻫﯩﺴﺎﭘﺴﯩﺰ ﻗﻪﺭﯨﺰ ﺑﯘ ﺯﯨﻤﻤﻪﻣﺪﻩ،

ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ،

ﺋﯚﻣﯘﺭﻧﻰ ﺯﺍﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﺑﺎﻫﺎﺭ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭﺗﺎﯓ ﻳﯘﻳﺎﺭ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﺷﻨﯩﺘﺎﺭ ﺗﺎﻏﻨﻰ،

ﺋﯧﺮﯨﻘﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻣﯘ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﯩﺘﻪﺭ ﺑﺎﻏﻨﻰ .

ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻢ ﻣﯘﺭﺍﺗﻘﺎ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﻨﻰ،

ﺋﯧﺮﯨﺘﺴﻪ ﻫﯧﭻ ﺋﻪﺟﻪﭘﻤﻪﺳﻜﯩﻢ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﻏﻨﻰ،

ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﻼﻫﯩﻢ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻨﻰ .

ﺳﯩﺮﺍﺗﻪﻟﻤﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﺋﻪﮒـﺋﻪﺭﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻪﺳﯩﺒﻪﻣﺪﻩ،

ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺕ ﺩﺍﻏﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ ﻣﻪﻫﺰﯗﻥ ﺑﯘ ﺳﯧﻨﻪﻣﺪﻩ،

ﺋﯘﻣﯩﺪﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯩﻘﺒﺎﻝ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﻪﻟﻪﻱ ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﻣﺪﻩ،

ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻣﺪﻩ،

ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﺍﺕ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺧﺘﯘ- ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ .

ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ،

ﻛﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﯞﻩ ﮔﺎﻫﻰ ﺗﺎﯕﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ،

ﻗﯘﻟﯘﻡ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﺪﯨﻢ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺷﺘﺎﻕ،

ﺋﯩﻼﻫﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺋﯘﻣﯩﺪﯨﻤﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭘﺮﺍﻕ،

ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺭ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ.

ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻐﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﻩﻥ ﭼﯜﻣﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﺗﯜﻥ،

ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪ، ﻳﯘﻳﯘﻟﺪﻯ-ﺗﺎﺭﻗﯩﺪﻯ ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ،

ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﯗﺭ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻥ ﻣﻪﻫﺰﯗﻥ،

ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﺪﻯ ﺗﯘﻣﻪﻥ ﻣﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ،

ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻣﻪ ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﻨﻰ .

ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﺭﻩ،

ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﺧﺎﻟﻰ ﻫﯩﻜﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﻫﻪﺳﻪﻝ ﻫﻪﺭﻩ،

ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﺰﺍﺕ ﻳﯘﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﻣﻮﻝ ﺯﻩﺭﺭﻩ،

ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺳﯩﺮ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﻗﻪﺗﺮﻩ،

ﺋﯩﻼﻫﺎ ﻗﯩﻞ ﻛﻪﺭﻩﻡ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺮﯗ-ﻫﯩﻜﻤﻪﺗﻨﻰ.

ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪﯓ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ،

ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺭﯗﺷﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﺭ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﺗﯩﻨﻰ ﺧﻮﭘﺮﺍﻕ،

ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﻧﯩﭽﯘﻙ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ,ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻗﺎﻧﺪﺍﻏﯘ ﺋﺎﻱ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ،

ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮔﯜﺩﻩﻙ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻧﯩﭽﯜﻛﺪﯗﺭ ﮔﯜﻝ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻳﺎﭘﺮﺍﻕ،

ﺩﯦﻤﻪﻛﻜﻰ ﻣﻪﺋﺮﯨﭙﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﺎﻥ ﺗﺎﭘﯘﺭ ﺋﻪﻗﻠﯘ -ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻨﻰ.

ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎﻗﯩﻞ -ﺩﺍﻧﯩﺶ،

ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻫﻪﻡ ﺧﺎﻫﯩﺶ،

ﺑﯩﺮﺍﯞﻟﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﻪﺭﻣﺎﻳﯩﺶ،

ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﺮﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺋﻪﺯﻣﺎﻳﯩﺶ،

ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻫﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ،

ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﺮﻩﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﺒﺎﻕ،

ﺋﺎﻧﺎ ﻗﺎﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘﺟﺎﻧﻐﺎ ﻫﺎﯞﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻕ،

ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻕ،

ﺑﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﮕﻪ ﻧﻪ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭘﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻕ،

ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻰ-ﭘﯩﻜﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﻪﻥ ﻳﯘﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ،

ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﺍ ﻳﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﺗﻘﯘﺳﻰ ﻳﺎﻟﻘﯩﻦ،

ﺑﯘﯕﺎ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﺰﺍﺕ ﺋﯘﻗﯘﺭ ﻣﯩﯔ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻪ- ﺗﻪﻫﺴﯩﻦ،

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ،

ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﺱ ﺑﯘ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ.

ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﻛﯚﺯ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ؟

ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺵ ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﺩﯗﺭ؟

ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﭼﯩﻬﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﯔ ﺧﯩﻠﺪﺍ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﺩﯗﺭ؟

ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﭽﯘ، ﺑﯘﺳﯩﺮﻏﺎ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺳﯚﺯ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﺑﯩﺮﺩﯗﺭ؟

ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﺎﭼﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﯓ ﻳﻮﻝ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻛﻜﻪ ﺑﯘﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ.

ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﻫﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ،

ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺳﯚﯕﺮﻩ ﺋﯚﻟﻤﻪﮔﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻧﺪﯗﺭ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ،

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﻪﺩﻩ،  ﻗﺎﭼﺎﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ؟

ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺱ ﺳﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺩﻩﯞﺭﻯ -ﺩﻩﯞﺭﺍﻧﺪﯨﻦ،

ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻳﯩﻐﺴﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻏﺎ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻨﻰ.

ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺍ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺩﻩﻧﺎ،

ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎﭘﻤﯩﺪﻯ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﻣﻪﻧﺎ،

ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﻮﻗﻤﺎﻧﺪﻩﻙ ﻫﻪﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﻤﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ،

ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻣﻪﻧﻨﺎ،

ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯘﺯﻣﺎﻕ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺯﯙﺭﯛﺭﻩﺗﻨﻰ.

ﻗﯘﻳﺎﺷﯘ ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﺎﻣﺎﺩﺍ ﺳﻪﻳﯩﺮ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻥ،

ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﻪ ﺧﺎﺗﺎﺳﯩﺰ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﯩﺘﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻥ،

ﺑﯘﯕﺎ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺘﻪﺯﯨﻢ ﻗﺎﻧﯘﻥ،

ﺑﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺗﺎﭘﻤﯩﺶ ﺋﻪﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﺍ ﺗﻮﻻ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ،

ﻳﯘﺭﯗﭖ ﻧﯘﺭﻻﻧﻐﯘﺳﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﭽﻪ ﺑﯘﻫﺎﻟﻪﺗﻨﻰ .

ﯞﻩ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﺎﺭ ﺗﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯘﺭ،

ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﺪﺍ ﻫﻪﻳﺌﻪﺗﺘﯘﺭ،

ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻫﻮﻧﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺒﯩﺮﻩﺗﺘﯘﺭ،

ﺷﯧﻐﯩﻞ ﺗﺎﺵ ﻫﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺷﺘﯘﺭ ,ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﻠﻪﺭ -ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺘﯘﺭ،

ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﺴﯘﻥ ﻛﯚﺭﻩﯓ ﺑﺎﺗﯩﻞ -ﺟﺎﻫﺎلەتنى.

ﻣﯩﺴﺎﻝ ﭘﻪﻥ -ﻫﯜﻧﻪﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻫﯩﻜﻤﻪﺕ ﺩﯗﻛﺎﻧﯩﻨﻰ،

ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﺍﺗﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻨﻰ،

ﻳﻪﻧﻪ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺷﻘﯘﺳﯩﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻫﯩﻤﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻧﯩﻨﻰ،

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯜﮔﯜﻝ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ،

ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﺱ ﻫﻪﺭ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﺑﯘ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﻰ .

ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ،

ﺗﯘﺧﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﯘﺭ ﻫﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﭼﯜﺟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ،

ﺋﻪﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﯔ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ،

ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ،

ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﯘﺭ ﺧﺎﻟﯩﻘﻼ ﺧﻪﻟﻘﻪﺗﻨﻰ .

ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻐﺎ،

ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﻣﯩﺴﻪ ﺩﯨﻬﻘﺎﻥ ﻫﯘﺳﯘﻝ ﺗﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺧﺎﻣﺎﻧﻐﺎ،

ﺋﻪﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﺍﻥ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﺪﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ،

ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻥ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺘﺘﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﻐﺎ،

ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ .

ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮ ﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯗﺭ،

ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﻣﭽﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺑﻪﻫﺮﻯ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯗﺭ،

ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﺯﺍﺗﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻫﯩﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﻫﻴﺎﺩﯗﺭ،

ﻛﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﻛﯧﻤﯧﻴﺎ ﻣﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﺧﯘﻟﻴﺎﺩﯗﺭ،

ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻫﻪﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺒﯩﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﻣﯩﺴﺎﻟﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺯ-ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻫﻪﺭ ﺋﺎﻥ،

ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺋﻼ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺩﯗﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ،

ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻯ «ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﺭﺭﻩﻫﻤﺎﻥ»،

ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻛﺎﺷﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﭽﻪ «ﻣﺎ ﺗﯜﻛﻪﺯﺯﯨﺒﺎﻥ»،

ﻗﯘﻟﯘﭘﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﻩﺗﻨﻰ.

ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺋﻮﻥ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﻧﻪﺋﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﺳﺎﺩﯨﺮ،

ﻧﯩﻤﯩﻜﻰ ﺩﯨﺴﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺷﯘ ﺯﺍﻫﯩﺮ،

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺋﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﻗﺎﺩﯨﺮ،

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺋﺮﯨﭙﯩﮕﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﺎﭘﯘﺭ ﻗﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻪﺩﯨﭗ، ﺷﺎﺋﯩﺮ،

ﻧﯩﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻨﻰ .

ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﯖﺪﺍ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻫﺎﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ،

ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ﺷﻪﻛﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺋﻨﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺗﻪﻏﻴﯩﺮ،

ﺑﯩﺮﺍﯞﻻﺭﻗﻪﺳﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯧﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮ،

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﯩﭗ,ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﺑﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﺎ ﺯﯨﺮ،

ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻙ ﻧﻪﻣﯜﺷﻜﯜﻟﺪﯗﺭ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ – ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺗﻨﻰ.

ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﺕ،

ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮﻛﯜﻥ «ﺋﯩﻘﺮﻩ ﺑﯩﺴﻤﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻜﻪﻟﻠﻪﺯﻯ»نى ﻫﻪﻳﻬﺎﺕ،

ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯘﺩﺩﯗﺳﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﻧﯟﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮﺷﺎﺕ،

ﻧﻪﺑﯘﯞﻩﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﺴﻪ ﺑﯘﻧﻴﺎﺩ،

ﻧﯩﭽﯜﻛﻤﯘ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ .

ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﺮﻯ ﻫﯩﻜﻤﻪﺗﺘﯘﺭ،

ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪﻫﺎﻟﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻰ ﭘﻪﺯﻟﻰ -ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﺘﯘﺭ،

ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭘﯩﻤﯘ ﺑﯘﯕﺎ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﺘﯘﺭ،

ﺑﯘ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﺴﻤﻰ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺭﻩﺳﯘﻝ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﺩﯗﺭ،

ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﺳﺮﻯ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ.

ﻧﻪﺑﯘﯞﻩﺕ ﺗﺎﯕﻰ ﺋﺎﺗﻤﺎﺳﺘﺎ ﺋﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ،

ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻧﯩﭻ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ،

ﺯﺍﻻﻟﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﯗﺯ ﺋﯧﻤﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ،

ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﺯﻩﺑﯘﻥ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯓ،

ﻳﯩﻤﯩﺮﺩﻯ ﻧﻪﺑﯘﯞﯞﻩﺗﻼ ﺋﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻨﻰ.

ﯞﻩﻫﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻫﯚﻛﻤﻪﻥ،

ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﻳﺎ ﺭﻭﻣﺎﻥ،

ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﻪﺭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ،

ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ،

ﻧﯩﭽﯜﻛﻤﯘ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ .

ﺑﯩﺮﺍﯞﻻﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ ﺩﻩﺋﯟﺍ, ﻧﻪﺑﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ،

ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻣﯩﯔ ﻫﯧﻠﻪ -ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﻪﺭ, ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﻗﯟﺍ،

ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﻟﻪﺭ,ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻏﻪﯞﻏﺎ،

ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻠﻪﺭ ﻟﯩﻜﯩﻦ, ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﺳﯟﺍ،

ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺱ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ,ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺷﺎﻧﯘ-ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ،

ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ،

ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺳﺎﻫﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ, ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺘﻪ،،

ﺋﻪﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﻕ ﺩﯨﺴﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ،

ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺭﻩﻫﻨﺎﻣﻪ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺋﻪﺩﯨﻞ , ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﭘﯩﻜﺮﻩﺗﻨﻰ.

ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ.

ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﯩﺪﯗﺭ ﺋﻪﻣﻤﺎ،

ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯗﺭ ﻗﻮﻳﺎﺵ ﺋﻪﻛﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘﺩﯨﻤﯘ ﻫﻪﺗﺘﺎ،

ﻗﻪﺳﯩﺪﻩﻡ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺳﻪ ﻫﯧﺪﺍﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﻪﺋﻨﺎ،

ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺷﯘ ﺋﯩﺪﻯ ﻣﻪﻧﭽﯜﻥ, ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ،

ﻛﯚﭼﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﻜﻜﯜﭼﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﺭﺍﻫﻪﺗﻨﻰ.

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩﻡ ﻫﻪﻗﻘﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ, ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﻪﺗﯩﻤﺎﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ،

ﺷﯜﻛﺮﯨﻜﯩﻢ,ﻫﻪﻕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ،

ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺳﺎﻫﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﺍ ﭘﻪﺧﺮﯗ -ﻳﺎﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ،

ﺩﯨﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﮔﯘﺳﺘﺎﻫﻠﯩﻖ,ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﻫﻪﺩﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ،

ﭘﯩﺴﻪﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﻪﺋﻨﻪ -ﻣﺎﻻﻣﻪﺗﻨﻰ.

ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺗﺎﭘﻤﯩﺪﻯ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ،

ﻣﯩﺴﺎﻟﺪﯗﺭ ﺭﻭﻣﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ، ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﯞﻩﻫﺸﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ،

ﻛﯧﻠﯩﭗ -ﻛﻪﺗﻤﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ، ﺟﺎﻫﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﻬﯧﺴﺎﭖ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ،

ﺋﯚﺗﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ, ﻛﯧﭽﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻫﻪﻗﻼ ﺳﯜﺭﻩﺭ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.

ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ ﻧﯩﻬﺎﻳﻪﺕ ﺷﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ.

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ