بۇلبۇل بلوگى

0

ھەسرەت چىچەگىم

238

يامغۇرلار چۈشكەندە گۈل-گۈلىستانغا،

يامىشار تامچىلار گۈل ياپرىقىغا.

قاپسىلىپ غۇربەتنىڭ غەملەر تورىغا،

بىر سەنلا سولامسەن ھەسرەت چېچەگىم؟
ئۇرۇپ تىكەنلەرگە قەلىب سىرىڭنى،

چۈشۈرمە بېشىڭدىن ئۈمىد تاجىنى.

شامالدا يەلپۈنگەن يىپەك ساچلارنى،

بىر سەنلا يۇلامسەن ھەسرەت چېچەگىم؟
پۇۋلىسە گەر شامال كېلىپ يۈزۈڭگە،

ئوخشارسەن پىغانلىق ئېچىلغان گۈلگە.

كەتكەندە ئەسلىمەڭ يىراق ئېلىڭگە،

بىر سەنلا يىغلامسەن ھەسرەت چېچەگىم؟
سەللەر فەرياد ئېتەر، تاغلارمۇ غولار،

ئۆمۈرگە بىر سەۋدا دېمە ئاز كىلەر.

ئەمدى ھەر كۆڭۈلدە بىر ئاھ يۈكسىلەر،

بىر سەنلا يانامسەن ھەسرەت چېچەگىم؟
ئاپتور: نۇرى جان

تەرجىمان: ھۈسەيىن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ