بۇلبۇل بلوگى

0

ھەر كۈن

180

چىرايلىق بىر كۈن يەنە كۈلۈپ ئۆتتى،
بىر مىليون ئىنسان سۆيۈپ ئۆتتى.
خىلمۇ خىل تىلەكلىرى يانچۇقىدا،
ھەر كۈنگە ئالقىنىىنى سۇنۇپ ئۆتتى.
ھەركۈنىنىڭ ھىممىتى كۆپ ھايات ئۈچۈن،
دېھقاننىڭ بىلىكىنى تۈرۈپ ئۆتتى.
كاچاتنى رەزىللەرگە ”سوۋغا“قىلىپ،
چاۋاكنى ياخشىلارغا ئۇرۇپ ئۆتتى.
ھەركۈنىنىڭ ھېمىتىگە ھەر كۈن ھەيران،
چىنپۈتسەڭ، كۈنلەرمۇ كىر يۇيۇپ ئۆتتى.
قولىدا غەلۋىرى بار چەش تاشقىغان،
ھەركىمگە بىردىن بەلگە قويۇپ ئۆتتى.
سەۋەبسىز ئەمەس دەڭلار يىغلىغاننى،
بىر ئۆمۈر،بەلكىم،يانتاق ئورۇپ ئۆتتى.
دۇنيادىن بىغەم بوۋاق ئىڭڭەلىسە،
بوۋايلار كونا خامان سورۇپ ئۆتتى.
ئەزەلددىن قىسمەتكە باي ھايات شۇنداق،
بىرىدىن بىرى تەلەي يۇلۇپ ئۆتتى.
جىمىگە مىسال قىلىپ بەش بارماقنى،
تەقدىرگە يەنە گۇناھ قويۇپ ئۆتتى.
مەن يازغان ئوتۇنلاردا قايدا تەلەي،
ئەرزىمەس ئوچاقلاردا كۆيۈپ ئۆتتى.
رەنجىيمەن ئۆزۈم تۇرۇپ يەنە كىمدىن،
ھەر كۈنى نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى.
باشلىنار قۇتلۇق ئىشىم شەھەرلەردىن
ھەر سەھەر ئويغىنىمەن بىر سۆيگۈدە،
ئانامدىن يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغاندەك.
نۇرلاردىن چېچېلىدۇ رىزقىم مېنىڭ،
سېخىيلار كەپتەرلەرگە چاچقان داندەك.
تەبىئەت تەبرىكلىدى ئەتىمالىم،
قۇشلارغا ئارىلىشىپ كەتكىنمىنى،
بىلمەيمەن،شۇ سەھەرلەردىن ئۇچۇپ بېرىپ،
كىملەرنىڭ ئىشىكىنى چەككىنىمنى.
ھەر كۈننى سۆيمىگەنلەر سۆيۈنمەيدۇ،
مەن كەبى سەھەرلەرگە سەۋدايىدەك.
باشلىنار قۇتلۇق ئىشىم سەھەرلەردىن،
ھەر كۈنگە ئۆزۈم قۇلمەن، ئۆزۈم دېدەك.
ئۇنتۇيمەن تۈنۈگۈنكى سەۋەنلەرنى،
تۇرغاچقا ھەر بىر سەھەرلەردىن،
ئوخشايدۇ شۇ سەھەرنىڭ سۆيگۈسىگە،
ياشلىقتا يۈرگەنلىرىم يارغا كۆيۈپ.
قىزىرىپ چىقار قۇياش شۇ سەھەردە،
قۇتلايدۇ ئاۋۋال نۇرلۇق ئۇپۇق مېنى،
باشلىنار تەركىزىسى يېڭى كۈنىنىڭ.
گۈل تۇتۇپ كۈتۈۋالار ئوتۇق مېنى.
ھەر كۈنى گۈزەل ئۆتسە ھەر ئادەمنىڭ،
ئۆمرىدە كىم كۆرىدۇ قايغۇ-غەمنى؟
مەندىكى گۈزەل تىلەك شۇ ئەمەسمۇ،
دۇنيادىكى كىم تىلەيدۇ دەرت-ئەلەمنى؟
مىڭ ئىخلاس يۈرىكىمدە ھەر سەھەرگە،
قۇياشقا تاۋاپ قىلغان ئەجدادلاردەك.
ئۆگىنىپ قاپتۇ شۇنداق، ئۇزاقلاردىن-
بۇ كۆڭلۈم سەھەر دېسە، بايرام باردەك.
ئۆزگنى ئويلىمايمەن ھەر سەھەرلەردە،
ھەر كۈنىنىڭ ياخشى-يامان تەقدىرىدىن.
ياخشى قۇر تاشلىيالمىسام، كۈندىن ئەمەس،
كۆرۈڭلار قەلىمىمىنىڭ ماغدرىدىن.
يېڭى بىر ناخشا ماڭا ھەر بىر سەھەر،
كىم يازغان تېكستىنى؟-سورالمايمەن.
مىڭ شېئىر يازغان بىلەن شائىرلىقتا،
بەرىبىر سەھەرلەردەك بولالمايمەن.
پەيزىمنى بۇزما، يارىم،تاپ ئاتقاندا،
سۆيۈشۈپ تۇرغىنىمدا سەھەر بىلەن.
ئاختۇرما دەپتىرىمنى شېئىر ئىزدەپ،
ئەمەسمۇ ئۆزى شېئىر سەھەر دېگەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ