بۇلبۇل بلوگى

0

ھاياتىمدىن چىقىپ كەتتىڭ

560

ھاياتىمدىن چىقىپ كەتتىڭ
باھار باغلاردىن چىقىپ كەتكەندەك.
چىقىپ كەتكەندەك بولدى كۈندۈزلەر
چىقىپ كەتكەندەك بولدى كېچىلەر
چىقىپ كەتكەندەك بولدى دېرىزەم
ساڭا قارايدىغان،
سەن بىلەن بىللە.

ئەمدى سەن خىياللىرىمدا قالدىڭ
مەن يوشۇرالمايدىغان خىياللىرىمدا-
بىر تال يۇلتۇز بولۇپ،
ئەمدى سەن شېئىرلىرىمدا قالدىڭ
تۇتقىلى بولمايدىغان
كۆرگىلى بولمايدىغان
قۇتۇلغىلى بولمايدىغان
بىر تال يالپۇز بولۇپ،
ئەمدى سەن غېرىپلىقىمدا قالدىڭ
مېنىڭ غەمكىن قۇلۇمنى تۇتۇپ.

خىياللىرىمنى ئۆچۈرەلمەيمەن،
ئۆچۈرگىلى بولاتتى بىر سۆز خاتا يېزىلسا.
شېئىرلىرىمنى يىرتىپ تۈگىتەلمەيمەن
ئۇ تولغان مېنىڭ ئۆلۈمىمگىچە تا.
غېرىپلىق مېنىڭ ئېتىمدۇر
ھەممىدىن كەچسەممۇ
كېچەلمەيمەن ئۇنىڭدىن ئەسلا.

ھەممىسى تۈنۈگۈنكىدەك
شۇنداق زېرىكىشلىك، شۇنداق بىمەنە.
رېئاللىق پۈرلەپ تاشلىۋىتىلگەن قەغەزدەك
ئۇ يەردىن كۆزلىرىمگىچە.

چىقىپ كېتىدىكەن باھار
غازاڭ قالىدىكەن.
چىقىپ كېتىدىكەن جان
پاراڭ قالىدىكەن.
چىقىپ كېتىدىكەن يار
ھېچنېمە قالمايدىكەن،
ھېچنېمە قالمايدىكەن…

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ