بۇلبۇل بلوگى

0

ھايا بىلەن گۈزەلدۇر ھايات

195

تېمىڭ ئاتلاپ كىردىم بېغىڭغا،
ئىشىكىڭدىن كىرمەكتۇر ئۇيات.
مەن ھايانى ئۆگەندىم سەندىن،
ھايا بىلەن گۈزەلدۇر ھايات.
ياماشمىدىم دېرىزەڭگىمۇ،
سېنى ئاياپ، ئۆزۈمنى ئاياپ،
سېغىنغاندا بولدۇم سەۋدايى،
قىلىپ يۈردۈم لەۋزىڭنى تاۋاپ.
توسۇپ يۈردۈم ئۆتەر يولۇڭنى،
دىدارلاشتۇق پىنھاندا دائىم.
يارىشىقى ياشلىقىنىڭ نومۇس،
بىزدە ھايات بولسۇن، ئىلاھىم!
”سەن“ دېمەستىن،“سىزلىشىپ“ئۆتسەك،
يارىشىدۇ مېھماندەك گويا.
ھايا بىلەن گۈزەل،دەپ ھايات،
ئۈلگە قىلسۇن بىزلەرنى دۇنيا.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ