بۇلبۇل بلوگى

0

ھارپا

482

ئەپسۇنلارنىڭ سالمىقى ئاشۇرىلىدۇ؛

كۈجە يېقىپ ئاغزىغا سېلىۋالغانلار

شاراپ تولدۇرۇلغان قەدەھلەرنى چېقىپ قەسەم ئىچىدۇ:

قىلچىلىك رەھىم قىلماي

قاتتىق سۆيىمىز!

مەن ئورۇق، سەن سېمىز…دېگەن شۇئارلار كارغا كەلمەيدۇ.

 

كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكلىرى

نىقابلىق تانسىلار

ئوۋ ئوۋلاش مانىۋېرلىرى

قۇربانلىق تاللاش مۇسابىقىسى

گۆر قېزىش تۈرىگە ئاشكارە خېرىدار چاقىرىش يىغىنى

قولاشمىغان ئۇسسۇللار ۋە غورۇرسىز ناخشىلار بىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

_ئەنە، ئاۋۇلار شۇ!- دەيدۇ.

 

2015-يىلى 20- سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ