بۇلبۇل بلوگى

0

گۈل

282

گۈلدۇر كۆزۈم، ئىچىگىلا ئېچىلىدىغان…
ئىچىم كېچە
كېچىدۇر جاھان

ھەممە ياقتا قاراڭغۇ دولقۇن
دەۋرەيدۇ، دەم تارتىدۇ
كېچە دېڭىزى
سوزسام قولۇمنى
كېچىنىڭ سۈيىگە كېتەر چىلىشىپ

دىماقلارغا ئۇرۇلار
كېچە گۈلىنىڭ ئەبەدلىك ئاچقان چېچىكى
ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ
ئاستىممۇ، ئۈستۈممۇ
ھەممە ياقتا باردۇر بىپايان قاراڭغۇ
كېچىلەرنىڭ يوقمىكىن چېكى؟

مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان
سىرتقى دۇنيانى…
رەڭلەرنىڭ ھەممىسى قارا
نۇرلارنىڭ ھەممىسى قارا
ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى قارا
پۇراقلارنىڭ ھەممىسى قارا
دۇنياغا ھۆكۈمراندۇر قارىلىق

بارسام
كېچىلەرنىڭ ئورمانلىقىغا
كېچە قۇشلىرى سايرىغان، قارا

ئىچسەم
كېچىلەرنىڭ چەشمىسىدىن مۇزدەك
سۇلارنى، قارا

قاراپ باقسام
چاك-چاك بولغان يۈرەكنى
قاناتلىرى يۇلۇنغان
ھەممە يېرى يارا
يىغىسى قارا

كېچە ئانامدۇر
چەكسىز مېھرىبان
بېشىمنى سىلىغان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ