بۇلبۇل بلوگى

0

گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم

199

(خەلق ناخشىلىرىغا نەزىرە)

گۈل ئەمەسكەن ياشلىقىم توزسا يەنە ئاچىلغىلى،

ياكى كۈزدە تۇرنىدەك كەتسە، باھاردا يانغىلى.

ئۇچتى-كەتتى قۇش كەبى، ئارماندا قالدىم ھەسرەتا،

ئەمدى مىڭ-مىڭ قاقشىسام، ئىندەككە كەلمەس ھېچ يولى.

نېمىدىگەن قىسقا ئۆمۈرنىڭ تاڭلىرى، گۈل چاغلىرى،

كەلدى باشلاپ  قار-بوراننى ئەنە كەچ كۈز شامىلى.

كۆز يۇمۇپ-ئاچقۇنچە چۈشتى ساقال-چاچىمغا قىرو،

ئەمدى ھەرگىز سايرىماس بۇ باغدا كۆكلەم بۇلبۇلى.

گەر نېسىپ بولسا ماڭا ئابىھاياتتىن بىر قەدەھ،

نە كېرەك ئىچمەك ئۇنى سولغاندا ياشلىق سۇمبۇلى.

ساقىيا، جامىڭنى تۇت، غەمدىن بولاي بىردەم خالاس،

كەلگۈچە مىسكىن جېنىمغا سوغ ئەجەلنىڭ سىگىنالى.

1971-يىل 5-نويابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ