بۇلبۇل بلوگى

0

گۇگۇمدىكى ئالۋاستىلار

188

سۇنىڭ پىشانىسىدىن
ئ‍وتنىڭ غەۋغاسىدىن
توپىنىڭ زەنجىرىدىن
قۇمنىڭ غەلۋىرىدىن
نۇر ۋە زۇلمەت ئۇچراشقان جايدىن
ئ‍ەڭ يىراق سايدىن
ئ‍وروق قەبرىلەردىن…
ئ‍ايەت ئ‍وقۇۋىتىپ ئ‍اداشقان
ئ‍ۆلۈۋىتىپ كۆزىنى ئاچقان
كۆمۈلمەي قالغان
غىرىب جەسەدلەردىن…
مەينەت يۈندىلەردىن
تۇپراق قوينىغا ئ‍المىغان قاندىن
تا ئ‍ۆلگەندىمۇ
چىقىپ بولالمىغان جاندىن
كەلدى توپ- توپ ئالۋاستى
مېنى ئ‍ارىغا ئ‍الدى
بۈيۈك پادىشاھىمىز، دېدى
قولى يوقلىرى ساز چالدى
پۇتى يوقلىرى ئ‍ۇسسۇل ئ‍وينىدى
تىلى يوقلىرى ناخشا ئ‍ىيىتتى
بېشى يوقلىرى سورۇنغا باش بولدى
كۆزى يوقلىرى كۆزەتچى بولدى
يۈزى يوقلىرى تۆرگە ئ‍ۆتتى
مەن راستىنلا سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلارمۇ، دېسەم
بەرھەق، ئ‍الىيلىرى
چۈنكى
سېلىنىڭ ھېچنىمىلىرى يوق، دېدى…
.
ئ‍اھ، مېنىڭ خەلقىم!
.
2009- يىل 18- دىكابىر. خوتەن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ