بۇلبۇل بلوگى

0

گۇگۇمدا

191

ئاخشام قاراڭغۇلۇق بىلەن ئىرماش-چىرماش

سەنمۇ چىرمىشىپسەن يالغۇزلۇقىڭغا،

تاكسىلار ئوقتەك كېلىپ كېتىشەر

تراللىبۇسلار سىلكىنەر ئاستا.

 

ئاندا-ساندا ئاياللار يورۇتىدۇ كوچىنى،

ياش قىزلار ئاپئاق سۈت لامپا كەبى.

گۈلچىمەنلەر گۈل رەڭگىدە نۇر چاچار،

قېنىق زەڭگەر ئون بەش ياشتا يوق تېخى.

 

سەن بولساڭ يالغۇزلۇق چاچىسەن،

ئىچىشتىن قورقىسەن، غەملەر باسار.

يىغلىيالمايسەن خەلقىئالەم بار،

دوپپاڭنىمۇ ئېلىۋېتەلمەيسەن

چاچلىرىڭنى ئۇچۇرار شامال…

 

باردىم، دېڭىز بويىدا ئولتۇردۇم،

ئاخشام قاراڭغۇلۇق بىلەن ئىرماش –چىرماش،

مەنمۇ دېڭىزغا ئېقىۋاتاتتىم

ئاستا ئاققان ئېرىققا ئوخشاش…

 

* * * * * * *

ئاپتورى: جاھىت كۈلەبى

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ