بۇلبۇل بلوگى

0

گۆھەر تىلىم،زەر تىلىم

308

تىل ئالاقە قورالى،تىل قەلىبنىڭ ئەينىكى،
تىل ئادەمنى، ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە؛
تىل خەزىنە، تىل ھىكمەت، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى،
تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە.

تىل نادانغا پەم بېرىپ،تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ،
ھاياتلىقنىڭ ئابادىمېھىر تاپتى سۆيۈكتە.
شۇڭا ھەربىر قەۋمچۈن مەيلى كىچىكـچوڭ بولسۇن،
ئانا تىلى ـ ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ بۈيۈكـتە…

ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل،ئۇيغۇر تىلى ئۇماق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى؛
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل،ئەمما تاتلىق، چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى،مىراسخورى ـ ھەغداسى.

ئۇـ ئانا تىل، ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار،
مەن بۇ تىلنى ئۆگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا؛
ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى،
پاراڭلاشقان، سىرداشقان ئالـمىزارلىق باغلاردا…

بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرىكىمگە پىچىرلاپ،
ۋاپادارلىق،مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن؛
ئوغلۇم، قىزىم ھەر كۈنى توموچۇقتەك ۋىچىرلاپ،
ھاياجانغا چۆمدۈرگەن، مۇرادىمنى كۈلدۈرگەن.

مۇشۇ تىلدا ناۋايى كىيگەن ناۋا تاجىنى،
شا مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە؛
يۈسۈپكە «خاس ھاجىپ»لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،
مەھمۇد بوۋام شۇ تىلدا،دەرس ئۆگەتكەن ئەرەبكە.

مەن شۇ ئانا تىل نىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا،
زىمىستاننى لەنەتلەپ، تاڭغا مەڭىز -يۈز ياقتىم؛
كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم،ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم،
بىللە كۆيدۈم ئوتىدا، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم.

مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى،
گۈل چىچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ؛
مەن كۈلىمەن، قەۋمىمنى كۈلدۈرىمەن قەلەمدە،
تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ،كۆتەكلەرنى پارىلاپ!

شۇڭا دەيمەن:ئۆز تىلىم-گۆھەر تىلىم-زەرتىلىم،
بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىللىتى.
زەررە كىچىك، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۈلگەن،
مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ئاتومچە بار قىممىتى!

يېڭى ئەسىر غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى،
بۇ ئېچىشتىن دىيارىم كەلمىش چوقۇم جەۋلانغا.
قاتناشمىسا ئانا تىل رىقابەتلىك «ئېچىشقا»،
تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەت يېتەلمەيدۇ ئارمانغا.

ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى، ئۇزۇن سەپەر كارۋانى،
سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن ساباسى.

مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ، يايرا، ياڭرىسۇن
سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!

2000-يىلى 20-ماي، خوتەن

«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ