بۇلبۇل بلوگى

0

غەزەپ ۋە زار

289

ئەي پەلەك، بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،
ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.

ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.

بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.

دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،
قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.

يۈزمۇ يۈز قىلماس تەئەرروز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.

لا ئەقىل دەپ ئويلىدى چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار، كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.

<قولىدىن كەلمەيدۇ ئىش> دەپ، دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،
مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.

پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،
بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.

چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،
ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.

سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،
مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.

ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،
مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

ئىلىم پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،
ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.

تىل ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!…بۇ جاننى قىينىدى،
ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.

زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،
تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.

دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن.

1927-يىلى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ