بۇلبۇل بلوگى

0

بولسۇن(غەزەل)

185

يىگىتلەر قەلبىدە ئاۋۋال ئانا يەر ئىپتىخار بولسۇن،
ۋەتەننى سۆيمىگەنلەردىن يىگىت دائىم بىزار بولسۇن.
سۆيۈنگەي بارچە قىزلار ھەم قىسارغا گۈللىرىڭ بىز! دەپ
ئاسارغا بوينىغا دائىم يىگىتلەر تىل تۇمار بولسۇن،
يىگىت روھىدا جاي تۇتسۇن كىشى تەشنا پىداكارلىق.
يىقىلسا كىم داۋانلاردا يىگىتلەر شۇنداق بار بولسۇن.
يىگىت چىققان ئېتىزلاردا قوراي ئەۋلادى نە قىلغاي.
يىگىتلەر يولىغا ھەر كۈن ئېتىزلار ئىنتىزار بولسۇن.
يىگىتلەر توۋلىغان ناخشا كېچەلەر ئۇيقۇسىن بۇزغاي،
قارا قىشا يىگىت بار جاي بەئەينى بىر باھار بولسۇن.
يىگىتلەر جىسمىدا مەردلىك قېنى كەم بولمىسۇن ھەرچاغ،
ئاتالار ئارزۇسى:باسقان ئىزىدا لالىزار بولسۇن.
يىگىتىلىك پەيتىدە گۈل تەر دىلىڭغا ئادىمىيلىكتىن،
ساڭا شۇ ئادىمىيلىكىنىڭ ئۆزى ھەر كۈن دىدار بولسۇن.
يىگىتلەردە شەرەپ بولماس پەزىلەت تاجىدىن ئۆزگە،
ئاتا بولماق ئۈچۈن ئالىم كەبى ھەم ئىقتىدار بولسۇن.
يىگتىلەر باشلىغان سۇدا ياشارغاندەك چىمەنباغلار،
كۆرۈپ دىدارىنى بىر رەت جۇۋانلارغا خۇمار بولسۇن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ