بۇلبۇل بلوگى

0

غەزەل

176

گۈلمىدۇر، غۇنچەمىدۇر، خىيالدىكى گۈلزارمىدۇر،

يا خىيالچان قەلبىمدە رىشتى چىگلگەن يارمىدۇر؟

تاڭ شامالدىن يېتىشتى بۇ دىماغىمغا ئەتىر،

ھىدلىرى خۇش پۇرىغان سەبزۋار باھارمىدۇر؟

چۈشتە كۆرگەن باغچە ئىچىدە گۈل پۇراپ يۈرگەن چېغىم،

پۇرچىلىپ سولغان كۆڭۈلنى بەزلىگەن دۇتارمىدۇر؟

دەردلىرىم – ھەسرەتلىرىمدىن مىڭ شىكايەت ئەيلىسەم،

كۆز ياشىم دەرياسىدا بىللە ئاققان دلدارمىدۇر؟

تۈن ئازابى بىرلە ھەردەم قان يۇتۇپ زار يىغلىسام،

تاڭ شامالىدىن يېتىشكەن خۇشناۋا ئەقبارمىدۇر؟

تاڭ سېغىنچى بىرلە ئۆتكۈر زارىقىپ ئېيتتى غەزەل،

بۇ غەزەلنى ئاڭلىماققا ئىختىيارىڭ بارمىدۇر؟

1947-يىل 13-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ