بۇلبۇل بلوگى

0

غەزەل

210

كۆپەيدى دۈشمىنىم دەپ ھەرگىز كۆڭۈلنى غۇبار قىلما،

مېنىڭ ئىچ دۈشمىنىم يوق دەپمۇ ھەرگىز ئىپتىخار قىلما.

ئەگەرچە بولمىسا دۈشمەن، نېمە قەدرى بولۇر دوستىڭ،

ھاياتنىڭ مەنزىلى شۇنداق، بۇڭا كۆپ ئېتىبار قىلما.

تەپەككۇر ئەيلىسەڭ بىردەم، بىلۇرسەن سىرى ھېكمەتنى،

جاھاندا بىرمۇ دۈشمەنسىز ئۆتۈشنى سەن شوئار قىلما.

چاياندىن ئېھتىيات قىلماس ئىدىڭ ئۇ چاقمىسا ئەلنى،

دېمەك ھوشىيار قىلۇر دۈشمەن، سەن ھەم غەپلەتنى يار قىلما.

ۋە بەزەن دوستلىرىڭ ياپقان ئەيىبىڭنى ئاچۇر دۈشمەن،

بۇ ھەم بىر ياخىشى پۇرسەتتۇر، ئۇنى كۆرمەكنى ئار قىلما.

مالامەت، تەنە، تۆھمەتنى بېشىڭغا ياغدۇرار بولسا،

ساۋاق ئال،ھەممىدىن بىر-بىر، قېچىشنى ئىختىيار قىلما.

ئەقىلسىز، تەلۋە دوستلاردىن زېرەك دۈشمەن ئىمىش ياخىش،

كۆپەيدى دۈشمىنىم دەپ، مىسكىن، كۆڭۈلنى غۇبار قىلما.

1969-يىل 2-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ