بۇلبۇل بلوگى

0

غەنىيمەت

242

ئۇزات ساقىي قەدەھنى، كەلدى پۇرسەت، غەنىيمەت،

قەدىرشۇناس دوست بىلەن بىردەم سۆھبەت غەنىيمەت.

تۈنۈگۈنكى يارانلار قاراپ باقساڭ بۈگۈن يوق،

بىلسە دوستلار ئۆزىنى، قەدىر-قىممەت غەنىيمەت.

نوھ ئۆمرىگە باقا يوق، ئىسكەندەرمۇ ياش كەتتى،

”ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاتقان ئوق“، مىنۇت-سائەت غەنىيمەت.

نې خاقانلار قالمىدى، ئىبىن سىنا ئۆلمىدى،

ئىز قالغۇدەك بىر ئىشقا سىڭگەن مېھنەت غەنىيمەت.

”ئەجدىھاسىز خەزنە يوق، گۈل ئېچىلماس خارىسىز“،

چەكسە ئاشىق يار ئۈچۈن قانچە كۈلپەت، غەنىيمەت.

ھەر ئىرادە ساھىبى قازسا قۇدۇق يىڭنىدە،

ئىچۈر ئاخىر سۈيىنى، دېمەك ھىممەت غەنىيمەت.

مىسكىن ئېيتۇر: ”يالتىراق ساختا شۆھرەت نە كېرەك؟“

غۇربەت ئىچرە يۈرسەڭمۇ، ئەلگە خىزمەت غەنىيمەت.

1978-يىل 3-فېۋرال، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ