بۇلبۇل بلوگى

0

غەلىبە قىلغۇچىلار

247

تۇيۇقسىز تۈگەيدىغان بىر يولدا بىز،
بۇنى «پارلاق» دەپ سۈپەيلەيمىز
«ئۇ يەرگە بارسام…» دەپ ھاياجانلىنىمىز،
ھېرىپ-چارچاپ كەتتۇق
دەرەختەك غازاڭ تاشلىۋالساق
سۇدەك يېيىلىۋالساق
ھاۋادەك تارقىلىۋالساق…
بىراق سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلار كېتىۋاتقان ھالىتىمىز،
كېتىۋاتىمىز
كۆزۈڭلاردىن يۈتىۋاتىمىز،
سىلەر كۆرۈپ تۇردۇق، دەيسىلەر
راستىنلا كۆرۈپ تۇرىسىلەر.

 

پات – پات قاپىقىم تارتىدۇ
تارتىۋاتقىنى قايسى قاپىقىم، دەپ دىققىتىمنى يىغىمەن
سول قاپىقىم تارتىۋاتقان بولسا
مەندە نېمىشقا ئوڭدىن باشقىمۇ قاپاق يوق؟ دەپ ئەجەپلىنىمەن،
چۈنكى ئوڭ قاپىقىم تارتقان چاغلارمۇ بولغان
چېكىلىشى كېرەك بولغان ئىشىكىم چېكىلىپ باقمىغان
سول قاپىقىم كۆپرەك تارتسىمۇ
ماشىنا كەلمەي تۇردى يولنى كېسىپ ئۆتكۈچە
ئەگەر يەنە بىر قاپىقىم بولغان بولسا راستىنلا
بىلىمەن، مەن بۇنچە كۆپ ئويلىماستىم.

 

بىزنى غەلىبە قىلدى، دېيىشىسىلەر
كۆكرىكىمىزگە گۈل تاقايسىلەر
سىلەر تاقىغان گۈل
ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ،
سارغايمايدۇ، خۇشپۇراق تارقاتمايدۇ
لېكىن چۈشىنىكسىز ھالدا
زىننەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ
ۋە ئۇنتۇلىدۇ ئۆيدىكى ئېنىق بىر جايدا.

 

بىز كېتىۋاتىمىز
تېنىمىز سىلەر بىلەن،
سىلەر «ئەمدى يول يوق» دەيسىلەر
بىزنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىمىزغا ئىشەنمەيسىلەر،

 

سىلەر تاقىغان گۈل
قىزىل پېتى قىشقا كىرىدۇ،
ئۇنىڭ رەڭگى
بىزنىڭ ئارىلىقىمىزدا كىزىپ يۈرىدۇ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ