بۇلبۇل بلوگى

0

فۇرقەتكە مۇشائىرە

314

غېمى جانان، دېغى تۈگەتتى ياش باھارىمنى،

مېنى كىم كۆرسە پەرق ئەتمەس خازاندىن لالىزارىمنى.

ئاقار سەل ئورنىدا ياشىم، غېرىب بولدى ئەزىز باشىم،

ماڭا تار ئەيلىدى چۈنكى بۇ دەۋران ئۆز دىيارىمنى.

يۈرەك يارە، جىگەر پارە، ئەجەب بىچارىدۇر ھالىم،

ۋاپادار غەمگۈزارىم يوق ئىشتىمەككە بۇ زارىمنى.

تۈگەيتتى دەردۇ ئارمانىم كۆڭۈلدە سۈبھى كۈلگەندەك،

پۈتۈن ئۆمرۈمدە بىر كۆرسەم ئول ئاي يۈزلۈك نىگارىمنى.

جۇدالىق دەشتىدە ئۆلسەم توشۇپ فۇرقەتتە پەيمانىم،

نىگارىم ئىزدىسە، قايدىن تاپۇر مىسكىن مازارىمنى.

1968-يىل 3-ماي، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ