بۇلبۇل بلوگى

0

فېۋرال

355

مەن ئىچىمدىكى بۇ كۆيۈك، ئىچىمدىكى بۇ چوغ بىلەن

بۇ ئانارنى يەنىمۇ ئېلىپ يۈرەلمەيمەن.

چۈشۈپ كېتىدۇ قوللىرىمدىن، چېچىلىپ تۆكۈلىدۇ دانىلىرى،

چىدالمايمەن.

 

مەندىن ساڭا پەسىللەردىن ئانا، ئۇيقۇلىرىمدىن تورلار،

ئۆمرۈمدىن ئاغرىقلار تامچىلىغان.

بۇ سۆيگۈ مەندە بىر ئىمكانسىزلىق لايىھەسى كەبى قالدى،

كۆتۈرەلمەيمەن.

 

ئىسمى «فېۋرال» بولغان بۇ شېئىردا قەلبىم

ئۇزۇن بىر دەريادەك ئاقارماقتا. جاھىللىق تۈگۈنۈم يېشىلدى.

سول مۈرەڭدىن قارا ئېتىمنى، مەن ساڭا چۈشكەن ئۇ كونا فېۋرالدىن

ئازگىلىمنى ئېلىۋاتىمەن.

مەندىن قالغان بوشلۇققا قىزىل رەڭلىك بىر ئاراف① خىيالىنى قوي.

قانداق ئەسلەنسە بىر يوپۇرماقتا بىر ئورمان

بۇ قېتىم شۇ بولسۇن مېنى ساڭا ئەسلەتكەن.

 

بىر كۈنلەردە سېنىڭمۇ قولۇڭدىن چۈشسە ئانار

سۆيگۈ بىر كۈنى سېنىمۇ ئالار بىر يەردىن بىر يەرگە قويار

نە زاماندا قاپلار كۆڭۈل مۈلكىنى قار

چاقىر ئۇ زامان، ئاڭلىتىمەن ساڭا،

بىر ئۆمۈردىن قانداق قايتا-قايتا ئۆتەر تۇرنىلار.

 

دەپ قالما جاھىللىقىمدا سېرىق بىر سەپرا

تىلىمدا ئۇچۇپ يۈرگەن بىر شاماللىق  سەھىپە

سۆزلىرىمدە ئۆچۈرۈلگەن بىر شىفىر باردۇر.

يۇلۇۋالمىدىڭ مېنى چۆلدىن، يولۇم ئارافتۇر.

 

①ئاراف: جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ ئارىسىدىكى جاي

 

ئاپتور: بىرخان كەسكىن

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ