بۇلبۇل بلوگى

0

ئېيىتقىنا، شۇلاردىن ساقمۇ سەن ئاغزىم

177
كىملەرنى  رەنجتتىڭ ئۆمرىڭدە،ئاغزىم،
كىملەرنىڭ قوۋمىغا قاتتىڭ سەن مېنى؟
كىملەرنى دورىدىڭ، ئۇستازىڭ ھەم كىم،
كىملەرنىڭ يېنىغا تارتتىڭ سەن مېنى؟
بارچىدىن ئېغىزدا ئېۋەن كۆپ، دەيدۇ،
بارمىدۇر سېنىڭمۇ ئەيبىىڭ شۇنداق؟
بىر سەۋەن سەزگەندەك بولمىسام سەندىن،
سوئاللار قويامدىم مەن ساڭا مۇنداق؟
ناخشىلار ئېيىتقىنىڭ ئەيىنىڭ ئەمەس،
بىلىمەن، يوق بىراق تاللاپ ئېيتقىنىڭ
ئېيتقىنا، كىمنىدۇر  كۆيدۈرگىن دېسە،
بارمىدۇر سېنڭمۇ ئوتۇن يىغقىنىڭ؟
”غەيۋەت“نى ئېغىزنىڭ ئىجادى دېسەم،
”كوت-كوت“مۇ شۇنىڭغا كەشپىيات ئىكەن.
شۇلاردا بارمۇ سەن، ئېيتقىنا ئاغزىم،
گۈل دېسەم قانداقچە بوپقالدىڭ تىكەن
كاپ ئۇرغان ئادەمنىڭ ئاغزى بوپقالساڭ،
تۈگىمەس ئۆلسەممۇ كەينىمدىن گەپ-سۆز.
ماختانچاق ئاتىلىپ قالسام مىڭ ئۆلەي،
بارمىكىن دۇنيادا ئۇنىڭدىن سەت سۆز؟
ئېغىزلار سۆزلەشكە يارالغان بىلەن،
ئەقىلنىڭ بۇرچىدۇر سۆزلەتمەك بايقاپ،
ئېغىزلار ئۇلۇغ دەپ قارالغان بىلەن،
يۈرمەك تەس ھەر كۈنى ھەسەلدى چايقاپ.
ئۆتىدۇ بىر ئۆمۈر مىدىرلاپ ئۇلار،
بولماق تەس ئەلۋەتتە سەۋەندىن يىراق،
كەچۈرۈپ بولامدۇ سەۋەنگە ھەيدەپ،
ئېغىزلار ئايلانسا رەزىلگە بىراق؟
كاپىلداپ يۈرگەننى ياقتۇرماس ھىچكىم،
ئەقىللىق سانالدى كەم سۆز ئېغىزلار.
ۋالاقلاپ يۈرگىنى ئازدەك، ۋاي توۋا،
قارسىلداپ تۇرىدۇ يەنە سېغىزلار.
تىلىدىن كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ، ئاغزىم،
تىزگىنسىز تالاي تىل چىققانغۇ باشقا.
بىھاجەت سۆزلەشنىڭ پۇشايمانلىرى،
قويمىغان كىملەرنى تالاي كۆز ياشقا؟
ئېغىزدىن چىققان سۆز ئاتقان ئوق گويا،
ئوق قايتىپ كىرەمدۇ مىلتىق تىغىغا؟
ئورۇنسىز ئاتقان ئوق بولمامدۇ سەۋەب،
گاھىدا تۈگىمەس جېدەل-يىغىغا؟
لەۋلەرنى ئېغىزنىڭ قاپقىقى دەيدۇ،
ۋە لېكىن ، شەيتانغا ئۇمۇ بىر شۇرا،
تۇرالماس پەرشىتە كۈندە كۆزەتتە،
شۇڭلاشقا باغلاردىن قېقلار غورا
.
ئەقىلگە تاپشۇرغان ئىگىسى شۇڭا،
ئېغىزنى ئىنسانغا ياراتقان چاغدا.
مىڭ ئەپسۇس ، يادىغا كەلگەننى جۆيلۈپ،
ئېغىزلار خۇدانى قويماقتا داغدا.
2
گەپ توشۇپ يۈرمەكمۇ ئېغىزغا گۇناھ،
زۇغۇيلۇق ئەسلىدە پەسكەشنىڭ ئىشى.
كۆرۈنگەن كۆچەتنى كۆرىدۇ غاجاپ،
ئۆچكىنى دورىسا ئادەمنىڭ چىشى.
ئېغىزدىن چىقمىسا چىقىدۇ نەدىن؟
يامانىنىڭ پىتىنىسى ئارىنى بۇزغان؟
ئېيتقىڭا؟ئۆسەكتە نەدە ياخشىلىق،
غەيۋەتلەر بالادىن كىمنى قۇتقۇزغان؟
قۇتراتقۇ تىللارنىڭ ئىشى بولدىغۇ،
دوسىتلارنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرغانمۇ،
شۇلارغۇ ئۆستەڭگە قوشقىنى ئەگىز،
ۋىڭدان ۋە نومۇسنى يەرگە ئۇرغانمۇ!
بولمىغان ئەزەلدىن بىر نېنى ئىككى،
ئېغىزنى مەيلىگە قويۇپ بەرگەنىنىڭ،
قۇشقاچلار چۇرۇقلاپ ، ئېتىزلىقىدىن،
كەتكەيمۇ كۈنبۇيى تېرىق تەرگەننىڭ؟!
بالاخۇر ئېغىزلار ئوخشار شۇلارغا؟
سۆز-چۆچەك بېسىلماس مەھەللسىدە،
ئاغزىدىن چىققىنى يالغان ، يا بۆھتان،
قىلىدۇ بوۋاقنى سۆزلەپ رەسىدە.
تۆكۈلدى شۇلاردىن يالغان ۋەدىلەر،
ئالدىنىپ قانچىلار قالدى ھەسرەتتە.
”قويمىچى ”دېگەننى بىلەرسەن بەلكىم.
ئوبدانمۇ ئالدىنىپ ئۆتسە ئەل دەردتە؟
تۆھمەتتىن بىرلىرى سۈركەيدۇ قارا،
ئېغىزدىن بىرلىرى پۈركۈيدۇ ھەسەت.
ئۇزىغاننىڭ كەينىدىن يۈرىدۇ قارغاپ،
قەبرىستان قوينىغا تىلەيدۇ جەسەت.
3
چېقىمچى ئاتالدى بىرلىرى ئەلدە،
لەنەتكە كۆمۈلدى ئۇ ئۆلمەي تۇرۇپ.
ھەيرانمەن، شۇ يەڭلىغ رەزىللەرنىڭمۇ
كەتمىدى، ئەجىبا، يىلتىزى قۇرۇپ؟
ناداننىڭ ئاغزىمۇ يەنە بىر ئاپەت،
رەڭگا رەڭ سۆزلەيدۇ ئالدىسا دۈشمەن.
يالايدۇ ياماننىڭ يالاقلىرىنى،
ياخشىنى يامانغا قىلىدۇ ئۆچمەن.
ئەزەلدىن ئەل بىزار خۇشامەتگۇيلۇق،
ئېغىزلار بولمىسا ئاشامدۇ ئىشقا؟
ئاشىقلار قوۋمىدىن چىقسا بىۋاپا،
چىرايلىق باھارمۇ ئايلىنار قىشقا.
4
قارايغان يۈرەكلەر ئاز ئەمەس بىزدە،
ئاغزىدىن گەپ چىقماس سوراقتا لىللا.
قولىغا ئادالەت خېنىسى قويغان،
يانچۇقى ئىزدەيدۇ ئۆزىگە تىللا.
شۇنداقمۇ ئېغىزلار كەلگەن جاھان بۇ،
كەتكىچە سۆزلەيدۇ بىر ئۆزى ئۈچۈن.
ئىپار دەپ ماختايدۇ چاچقانلىرىنى،
ئاغزىدىن چىققىنى قىغ ياكى تۈتۈن.
لاپ ئۇرۇپ يۈرىدۇ ئۇزاقتىن بېرى،
نەدە بار لاپچىنىڭ ئادىمىيلىكى؟
جىمىنى يامان دەپ دەپ يۈرىدۇ ئۇلار،
پاكلىقتا يوق ئىمىش ئۆزىنىڭ چېكى.
ئالبۇمى توشۇپتۇ ماختىنىش بىلەن،
ئالەمدە ئۇ كەبى بىر دانا يوقتەك.
شەرمەندە تارىختۇر ئۇلارنىڭ ئىزى،
نەگىدۇر بىھۇدە ئېتىلغان ئوقتەك.
قارغىشلار ئىلكىدە ياشايدۇ ئۇلار،
يامانلار ئاشنىسى، ياخشىلار بىزار
تەن بەرمەي ئۆزىنىڭ ئازغانلىقىغا،
ۋاي توۋا، ئۆزىگە ئۆزى گۈل سىزار.
5
ئېيتقىنا، شۇلاردىن ساقمۇ سىن ئاغزىم،
ئېيىتقنا، يىللارنى ئۆتكۈزدۇڭ قانداق؟
قىلدىڭ سەن كىملەرنى ئۆزۈڭگە دۈشمەن.
كىملەرنىڭ دىلىدا پەيدا قىلدىڭ داغ؟
بارمىدۇر ياخشىدۇ چىشىڭنىڭ ئىزى،
بارمىدۇر ياۋاشنىى گوللىغانلىرىڭ؟
بارمىدۇر كۈلۈپ ھەم يىقىلغانلارغا،
يامانىنى ”ياشا“دەپ توۋلىغانلىرىڭ؟

ئېغىزنىڭ پاكلىقى ئاسان ئىش ئەمەس،
ھەر كۈنى ئىككى رەت يۇيىغنىڭ بىلەن.
چىرايلىق بولمايسەن چىشلىرىڭغىمۇ
تولدۇرۇپ لىق ئالتۇن قويغىنىڭ بىلەن.

سىڭىرمەك تەس، دەيدۇ كونىلار، ئاغزىم،
ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرگەن بىلەن.
بېشىغا چىقاركەن ئاغزى يۈگۈرۈكنىڭ،
ئاغزىمغا كەلدى، دەپ دەۋەرگەن بىلەن.
كۆيسىمۇ كۆپ ئۈچۈن سۆزلىگەن ئېغىز،
بىر ئۆزى كۆيەركى، كۆيدۈرمەس كۆپنى.
ئەكسىچە، بىرلىرى نەپسى تۈپەيلى
يۇتقىلى يۈرىدۇ زېمىننى-كۆكنى
.
ئازئۆمرۈڭ قالغاندا ئاگاھ بول، ئاغزىم،
ئازدۇرار شەيتانغا قىلساڭ يېقىنلىق.
ئېغىزنىڭ تىزگىنى بولار ئەقىلدە،
ئاگاھ بول، ئازمايسەن بولساڭ ئەقىللىق.
2003-يىل 25-فېۋرال، غۇلجا
شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ