بۇلبۇل بلوگى

0

ئەي تولۇن قىز

279

ئاھ، چىرايلىق ئاي تولۇنۇم، نەدۇر سېنىڭ بۇ ھالىڭ،

نەچۈن مۇنچە سارغايمىشۇر سېنىڭ گۈلدەك چىرايىڭ.

ئولتۇرۇپسەن سۇ بويىدا قايغۇ-ھەسرەتكە پېتىپ،

مۇڭلىنىپ ئاققان بۇلاققا مەيۈسانە بىر بېقىپ.

قاپقارا ئۇ قۇندۇز ساچىڭ ھەر تەرەپكە تارالغان،

نە ئۈچۈندۇر ئاھۇ كۆزۈڭ بىر چېكىتكە قادالغان.

نە ئۈچۈندۇر كۆز ياشىڭ ئىختىيار تامار ئۈنچە،

نەچۈن قەلبىڭ قايغۇلۇق، بايان ئەيلە، گۈلى غۇنچە…

كىم سېنى رەنجىتتى، ئازار بەردى سەن گۇناھسىزغا؟

قايسى قاتىل بەردى دەشنەم سەن يېتىمە-پاناھسىزغا؟

يا سېنىڭكى ئۆگەي ئاناڭ دىل ئازار قىلدىمۇ؟

ياكى قوغلاپ ئۆيدىن سېنى، خارۇ زار قىلدىمۇ؟

يا سېنى تەڭتۇشلىرىڭ ”يېتىم ئوغلاق“دېدىمۇ؟

ياكى بىر كىم يوللىرىڭغا دەھشەتلىك تۇزاق قۇردىمۇ؟

يا سېنى بەگ قىزلىرى ”ئەسكى كۆڭلەك“ دېدىمۇ؟

”بىز تەرەپكە كەلمە سەن“دەپ چەتكە سېنى ئۇردىمۇ؟

يا بىر يىگىت: ”سۆيدۈم سېنى“ دىبان ئالداپ قاچتىمۇ؟

ياكى بوران رومالىڭنى دەشتكە ئالداپ قاچتىمۇ؟

يا سېنىڭ سۆيگەن يارىڭنى ”چېرىك“ قىلىپ كەتتىمۇ؟

كى جۇدالىق ئوتى سېنى شۇنچە دىل-غەم ئەتتىمۇ؟

يا قۇرغۇيۇڭ ئۇچۇپ قولدىن، ئۆزگە قولغا قوندىمۇ؟

قاغا – قۇزغۇنلار كېلىپ، ئۇ گۈل شېخىغا قوندىمۇ؟

يا سېنى جاھىل ئاتاڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە ساتتىمۇ؟

ياش باھاردا ئېچىلمىغان غۇنچەڭنى دەشتكە ئاتتىمۇ؟

ياكى يۇرتنىڭ ھاكىمى ئۆيۈڭنى ۋەيران قىلدىمۇ؟

ئول قەدىردان ھامىيىڭنى زىنداندا قۇربان قىلدىمۇ؟

ئاھ، گۈلۈم، بىلكى سېنىڭ كۆكۈڭنى بىر قارا بۇلۇت

قاپلىغاندۇر، ئەزگەندۇر، سېنى قىلغاندۇر نائۈمۈت…

يا سېنىڭ كۆكسۈڭگە بىر ياۋايى ئوق تەگكەن بولغاي،

يا بىر يىرگىنچ بىر قارا كۈچ باشىڭنى ئەگكەن بولغاي!

ياكى بىر يىرتقۇچ سېنى يۇتماق ئۈچۈن ئاغزىن ئاچار،

مەزلۇمانە بۇ باشىڭغا شىددەتلىك لاۋا چاچار.

ئۆكسۈمە سەن، دىلبىرىم، ئاھ، ئۆكسۈمە سەن، ئۆكسۈمە،

كۈلپەت ۋە غۇربەت ئىچىدە رەنجىمە سەن، رەنجىمە.

گەرچە بۈگۈن ئۇشبۇ قارا كۈنلەرگە سەن بەندە سەن،

ئەتىگە تەھقىق ياشارسەن يارقىن ئۇلۇغ تاڭدا سەن.

سۈرت يېشىڭنى، ئاچ كۆزۈڭنى، تاڭ يۇلتۇزىن قارشىلا،

يىغىدىن ھېچ نەرسە چىقماس، چېلىش سۆزىنى تاشلىما!

1945-يى 17-ئاۋغۇست، لەنجۇ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ