بۇلبۇل بلوگى

0

ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە مەرسىيە

317

نېمە دەپ قىلاي ئاي كاج پەلەك ھىكايىتىڭنى؟
پاش ئەيلەيىن ئەلگە سېنىڭ شىكايىتىڭنى،
كۆرگەنمۇ خەلق بىرەر قېتىم ئىنايىتىڭنى؟
تاشلارسەنمۇ قىلىپ كەلگەن رىيازىتىڭنى؟!

مانا بۈگۈن ھەممىگە تەڭ قايغۇ سالدىڭ،
كارابىمنى سۇدىن ئېلىپ لايغا سالدىڭ!
مىللىتىمنى بىردەك بۈگۈن ۋايغا سالدىڭ،
كىملەر سويسۇن سېنىڭ مۇنداق ئالامىتىڭنى!؟

تۇيۇقسىزدىن سالدىڭ بۈگۈن بىزگە ماتەم،
قايان كەتتىڭ، ئەخمەتجان!؟دەر ھەممە ئادەم!
ئاھ جىگىرىم ،قەرىندىشىم قاسىمزادەم،
قىزغاندىنمۇ بۈگۈن بىزدىن ھىدايىتىڭنى؟

قانداق قىلاي ئاھ جۇدالىق سەندىن بۈگۈن،
پىراقىڭدا قان يىغلىسام كۇندۇز ۋە تۈن،
زەرداب تولغان يۈرەك قانداق بولار پۈتۈن؟
خەلق قوپاردى، بۈگۈن سېنىڭ قىيامىتىڭنى!

تۇتتى ئەجەل يەردە ئەمەس، كۆكتە ئەمەس،
تۇمانبۇلۇت ئارىسىدا يولۇقتى بەس،
جەسىتىڭنى تاپماقمۇ خوپ بولدىكى تەس،
يادلىغانسەن جان ئۇزگەندە ۋىلايىتىڭنى!

يېشىڭ كىچىك ئىدى،لېكىن قەدرىڭ ئۇلۇغ،
ھەر بىر ئىشقا پاراسىتىڭ ئىدى تولۇق،
كۇتكەن ئىدى، خەلق سەندىن يورۇقچۇلۇق،
ئارمان بىلەن تاشلاپ كەتتىڭ ساباھىتىڭنى.

ۋەدە بەرگەن خەلق سېنى ياقلايمىز دەپ،
كۆز قارىسى كەبى سېنى ساقلايمىز دەپ،
سىزىقىڭدا تارىخ بەتىن ئاقلايمىز دەپ،
ئېلىپ كەتتىڭ ئوزۇڭ بىلەن شايائىتىڭنى .

شۇم قۇشلاردىن باغنى ئازاد قىلغانىدىڭ،
يىرتقۇچلارنىڭ يۈرەكباغرىن تىلغانىدىڭ،
زەھەر تىلىن قارماق بىلەن ئىلغانىدىڭ،
كۆرگەن ئىدۇق سېنىڭ قانچە كارامىتىڭنى.

تېنىڭ كەتتى، لېكىن روھىڭ بىزگە يولداش،
ھەر سائەتتە ،ھەر مىنۇتتا ئىشتا قولداش،
مەيۈسلەنمە ،سەن ئەلىڭدىن ، ئەي ۋەتەنداش،
ھېچ بۇزۇلماس شەيتان سېنىڭ ئىمارىتىڭنى!

بوشقا كەتمەس بىزنى قىلغان تەربىيىتىڭ،
قۇلاقتا بار سېنىڭ قىلغان نەسىھىتىڭ،
ئورۇندىلار ئەلگە قىلغان ۋەسىيىتىڭ،
ئوزۇڭ شۇنداق ئۇگەتكەنتىڭ جامائىتىڭنى.

ھەممىگە تەڭ كەلدى بۈگۈن دەرد بىلەن غەم،
چارە يوقتۇر، باشقا چۈشتى ئېغىر ئەلەم،
تارىخىڭنى يازار ئەمدى ئالتۇن قەلەم،
ھۆرمەت بىلەن ساقلايمىز بىز ئامانىتىڭنى!

ئەي نىمشەھىت ،دۇنيادا ھېچ كامال بارمۇ؟
مەرسىيەدىن ئۆزگە ئىشقا ماجال بارمۇ؟
سەبىر دېمەي بۇ قىسمەتكە ئامال بارمۇ؟
ھۆرمەت بىلەن ساقلايمىز بىز ئامانىتىڭنى!

1949-يىل،غۇلجا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ