بۇلبۇل بلوگى

0

ئەتىرگۈل يىغىش

256

ئىچىڭدىن كەچكەن بالىلىقىڭنى، ياشلىقىڭنى كۆردۈم سېنىڭ.

يۈزۈڭدىن يولغا چىققان جان قۇشۇڭنى، سۆيگۈگە دائىر جۈملەڭنى.

مەن كۆرگىنىمدە بارلىق زامانلاردا ئىدىڭ سەن.

 

چۈشەندىم بىر ئايالغا نۇر چۈشسە دەريالارغا كۇسۇلدىغاندىن،

كېچىنىڭ قوينىدىن ئەتىرگۈل يىغار، باشقا ئىش كەلمەس قولىدىن.

 

پەقەت بۇلار ئەمەس، پەقەت بۇلار ئەمەس…

يوقلۇقىڭدا جاراڭلىغان بوشلۇقلاردىن دىپلوم ئالدىم.

 

جىق نەرسىلەرنى ھېس قىلماقتىمەن سېنىڭ ئۈچۈن

ئەمما بۇلار ئەمەس سېنىڭ ئىستىگىنىڭ.

 

* * * * * * *

ئاپتورى: بىرخان كەسكىن (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ