بۇلبۇل بلوگى

0

ئەتەڭ

183
ئەتەڭنىمۇ ئويلاپ قوي، دوستۇم،
گۈزەل، چۈنكى بۈگۈندىن ئەتەڭ.
بارماقتىدۇر ئالەم يۈكسىلىپ،
ئايلانماقتا ئۇچقۇغا مەپەڭ.
ئارزۇلىرىڭ كۆكلەر كۈنسېرى،
ئايلار ئۇزدۇر بىرىدىن بىرى.
يۇيۇلىدۇ ئىنسان ئەجرىدە،
ئەلمىساقتىن ئالەمنىڭ كىرى.
قايغۇ دېگەن بىردەملىك بۇلۇت،
غەم-قايغۇغا كار قىلماس دۇرۇت.
بېشىمىزدا ھەر كۈنى قۇياش،
قۇياشقا باق، بۇلۇتنى ئۇنۇت.
گۈزەل بولۇر بۈگۈندىن ئەتەڭ،
ساراي بولۇر كۆرۈمسىز كەپەڭ.
تىللا پەيدا تىلەكلىرىڭدىن،
ئەتە قوينى بۈگۈندىنمۇ كەڭ.
جاھان يولى ماڭساڭ ئېگىز-پەس،
مەنزىللىرىڭ لېكىن غار ئەمەس.
ئوينىساقمۇ ئوينايلى ئويلاپ،
ئەسقاتمايدۇ بىردەملىك ھەۋەس.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ