بۇلبۇل بلوگى

0

ئەتە گەرچە تىرىك بولساممۇ

181

ياشاش ئۈچۈن كەلدۇق دۇنياغا،
لېكىن ئۆلۈم پايلاقتا دائىم.
ساڭا بەزمە بولغان كۈن بەلكىم،
ماڭا بەلكىم قىيامەت قايىم.
ئارزۇلاردەك بولغايمۇ ھايات،
كىم بىلىدۇ پەللىمىز نەدە؟
شۇڭا ئەتە تىرىك بولساقمۇ،
”خوش!“ئىيتىمەن بۈگۈن مەشەدە.
يا سەن بالدۇر، يا مەن ئىلگىرى،
كۆز يۇمىمىز ھامان بىر كۈنى.
يىغىسى بار جاھان دېگەننىڭ،
شەرت قىلمايدۇ مەڭگۈ كۈلكىنى.
كەچۈر دوستۇم، كەچۈردۈم مەنمۇ،
ياخشى-يامان دىيشكەن بولساق.
كەتكەندىمۇ شۇنداق كىتەيلى،
بۇرۇن قانداق يۈرۈشكەن بولساق.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ