بۇلبۇل بلوگى

0

ئەسسە گۈل باغدىن سابا

180

تاڭ سەھەر ئەسسە بېغىڭدىن خۇش پۇراقلىق بىر سابا،

تەلمۈرۈرمەن مۇنتەرىز ئىستەپ سېنى، ئەي دىلرەبا.

دىلرەبا ھۆسنۈڭنى كاشكى كۆرمىسەم ئېردى شۇ كۈن،

قىلماس ئېردىم بۇ جېنىمنى مۇنچە دەردكە مۇپتىلا.

مۇپتىلا بولغان كىشى قالماس مېنىڭدەك بىنېسىپ،

ساڭا بولغان مۇپتىلالىق ماڭا بولدى بىر بالا.

نې بالالار كەلدى باشقا، يەتتى سەۋرىم ھەممىگە،

ئەمدى سەۋرىم بىتتى، بولدۇم مەن غېمىڭدىن بىناۋا.

بىناۋا بولغان كىشىگە قىلمىساڭ لۇتفۇكەرەم،

ئىشق ئەھلى مەزھىپىگە بۇ نېچۈك بولغاي راۋا؟

ئۈزمىدى ئۈمىدنى لېكىن بۇ سۇنۇق، مىسكىن كۆڭۈل

كەلگۈسى ياردىن خەۋەر دەپ، ئەسسە گۈل باغدىن سابا.

1971-يىل ئىيۇن، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ