بۇلبۇل بلوگى

0

ئەسسالام ئەي قەشقىرىم

227

(بەدىھە)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دىلرەبا بوستان دىيار،

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تىللاردا كۆپ داستان دىيار.

تا قەدىم رۇم ئەھلىنى رەشىك ئوتىدا كۆيدۈرۈپ،

شەرق ئېلىنىڭ ئىپتىخارى، شۆھرىتى بولغان دىيار.

سۆيگىلى كەلدىم سېنىڭ ئالتۇن بوسۇغاڭنى بۈگۈن،

ئاچ ماڭا قوينۇڭنى، ئەي قەلبىمگە ئوت سالغان دىيار!

ۋەسلىڭە مۇشتاق كۆڭۈل ھەم كۆزلىرىم تاپقاي ئارام

بىر كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى، ئەي دەردىمە دەرمان دىيار.

ئاق سۈتۈڭدەك ئاپئاق ئايدىڭ كېچە يا ئاخشاملىرى،

بىر كېزەي تۈمەن بويىنى، جانغا جان قوشقان دىيار.

كۆكتە يۇلتۇز، سۇدا قۇندۇز جىلۋىلەر قىلغان چېغى،

ئاڭلايىن نەيدىن خۇشال، ئازاد سادالار، جان دىيار.

ئاڭلايىن مەن يېڭى كۈي، يېڭى مۇقاملار ئەۋجىنى

تاڭ باھاردا مەۋسۈمىدا، ئەي گۈل-چېچەك ئاتقان دىيار.

كۈيلىمەس بەلكى راۋابىڭ ئەمدى ھەسرەت-قايغۇنى،

چۈن ياراتتىڭ ئۆز قولۇڭدا يېڭى بىر دەۋران، دىيار.

بىر زامان تەڭ يىغلىدۇق زۇلمەت كېچەڭدە ئىككىمىز،

ئەمدى تاڭ سۈبھىڭ بىلەن كۈلسەم نېمە ئارمان، دىيار.

ئەسسالام ۋە ئەسسالام، جانىجانىم قەشقىرىم،

بەر يەنە ئىلھام، يازاي شەنىڭگە بىر داستان، دىيار!

1984-يىل 15-ئاۋغۇست، قەشقەر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ