بۇلبۇل بلوگى

0

ئەپ كېلەلمەس

سېنى ئەپ كېلەلمەيدۇ شاماللار
ئەپ كېلەر قاراڭغۇلۇقتىنمۇ قارا كېچىنى.
سېنى ئەپ كېلەلمەيدۇ خىياللار
ئەپ كېلەر چۈشلىرىڭنىڭ چېچىنى.
كېچىلەر دۈۋىلەندى غېرىپلىقىمدىنمۇ ئېگىز
چۈشلىرىڭنىڭ چاچلىرىدا ئېسىلدىم دارغا
جان دېگەن چىقمايدىكەن زېرىككەنگە
سەن مەندىن كەچكەندەك مەن كەچكەنگە
جان ئۇسسۇل ئوينار ئىكەن قىستاپ تىك يارغا.

ئەسلىرىم تىكەن
تىكەنلەرگە دەسسەپ بارىمەن
ئەسلىرىمدىن قېچىپ جان جەھلىم بىلەن
قاتمۇ-قات كۆكسۈمنى يارىمەن.
قىپقىزىل قان ئىچىدە ئېچىلىدۇ
سېنىڭ يېرىم شەكلىڭ
ئەسلىرىم بىلەن شەكلىڭنى چۇۋۇماق بولۇپ
سۆڭەككە پاتىدۇ سۇدەك ئىسمىڭ.

ھازىر ئۆتۈپ كەتسە بولاتتى
مەن يەنە بىر ئاز چىدىسام بولاتتى
ئەي ئاي، كۆزۈمگە نىچۈن سوغۇق كۆرىنىسەن
نىچۈن بۇنچە جىم تۇرىسەن
مېنى باغلاپ قويساڭچۇ بىر پەس
ئاشۇ چوڭقۇر سۈكۈتۈڭ بىلەن.
مەن بىر خاتا ئىش قىلىپ قويارمەنمۇ
ئۆزۈم ئۆلەلمەي بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويارمەنمۇ
باھارغا ئۇلىشالمىغان يالغۇز تېرەكتەك
چىدىغۇسىز مۇھەببىتىمدە قۇرارمەنمۇ؟!

كېلىدۇ بىرسىنىڭ ئاياغ تېۋىشى
بىرسى ئىشىكنى چېكەر ئاستا توختاپ
بەلكىم، ئىچىمدىكى ئاشۇ ئادەم
كەلدى ئاخىر مېنى دوئىلغا چىللاپ…

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ