بۇلبۇل بلوگى

0

ئەلۋىدا ساڭا

197

تۇيدۇم بىر تۇيغۇ ھايات چېھرىدىن،

كۆكلەم قىزىنىڭ سولغۇن مېھرىدىن.

جۇدامىش كۆڭۈل باھار بەھرىدىن،

سۆيۈملۈك كۆكلەم، ئەلۋىدا ساڭا!

ئىشتىسەم بۈگۈن پەرى كېتەرمىش،

كۈز شاماللىرى يېتىپ كېلەرمىش.

قۇشلار ياتىقى بوشلا قالارمىش،

ھەيۋىتىم كۆكلەم، ئەلۋىدا ساڭا!

تۇيدۇم بىر تۇيغۇ قۇشلار كۆزىدىن،

مەيۈسانە ھال ياغار يۈزىدىن.

كېتەرمىش بۈگۈن بىزنىڭ يېزىدىن،

ئىلھامىم كۆكلەم، ئەلۋىدا ساڭا!

بۇلبۇل ئۈنىغۇ كەلمەس قۇلاققا،

مېنىڭ ئۈنۈممۇ يەتمەس ئۇزاققا.

بەلكى جانانمۇ چىقماس بۇلاققا،

ئامرىقىم كۆكلەم، ئەلۋىدا ساڭا!

تەبىئەت نازى جىلۋىگەر چاغدا،

سۇمبۇل – رەيھانلار گۈللىسە باغدا،

ئۆتتى بۇ ئۆمرۈم دەشت بىلەن تاغدا،

گۈزەلىم كۆكلەم، ئەلۋىدا ساڭا!

ئەلۋىدا ئېيتىپ قالدىم مەن بۈگۈن،

مەڭگۈلۈك سۆيگۈم روھىمدا پۈتۈن.

يەنە كېلەرسەن باھارىم بىر كۈن،

پەرىشتەم كۆكلەم، ئەلۋىدا ساڭا!

1947-يىل 18-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ