بۇلبۇل بلوگى

0

ئەلۋىدا، ئەي نەغمە ئۇستازى

189

(زىكرى ئەلپەتنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە)

شىپالىق تاپسۇن دەپ سېنى ھەر مىنۇت،

ئۈمۈنۈپ تىلەيتتى ھەر ئويغاق يۈرەك.

نە چارە، تەقدىردە ئەجەل شەربتىن

ئىچمەككە كەپتىكەن ساڭا بۇ كېزىك.

ئەلۋىدا، ئەي ئۇيغۇر ئەلنەغمىسىنىڭ،

كۆڭۈللەرگە ئىلھام-زوق، ئىپتىخارى!

ئۈزۈلدى بۇ كېچە گويا توساتتىن

تىللادەك جاراڭلىق دۇتارنىڭ تارى.

ھەربىر تال بارمىقىڭ بىر دۇتار ئىدى،

ھەر ئاھاڭ ئەۋجىدە نامايان خىيال.

ئەل غېمى، ئەل كۈيى، ئەلنىڭ شادلىقى

پەدىلەر رىشتىدە تاپاتتى ۋىسال.

نې خانلار، نې بەگلەر ئۆتتى ئالەمدىن

بىر پارچە بۇلۇتتەك ئىزسىز، تاۋۇشسىز.

ئىجادىي مېھنەتنىڭ بىر گۈلدەستىسى

قالدى ئەل كۆڭلىدە رۇخسارىڭدىن ئىز.

ئەلۋىدا، خەلقىمنىڭ مۆھتەرەم ئوغلى،

ئون ئىككى مۇقامدا نامىڭ ئەبەدىي.

ئەبەدىي ئۈزۈلمەس بۇ تار، ئۈزۈلمەس،

يىتىشمەكتە چۈنكى ۋەتەن ئەۋلادى.

1986-يىل 2-ئاپرېل كېچە، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ