بۇلبۇل بلوگى

0

ئەلشىر نەۋائىي

224
سىياھدىن تولغان تۇمانلىق كۆككە،
چەكتىم خىيالىمنى بولۇپ بىر نەققاش.
قەلىمىم بىسىدىن تۆكۈلگەن زەررە ،
روھىمنى ئاختۇرۇپ يۇرىغان ئوتقاش.

سۆرەتلىك چاقماقلار دەريالىرىمغا ،
تۆكۈلۈپ مۇڭلارغا ئايلىنار تىمتاس.
كۆچۈپ قىيامىغا يىلتىزلار بىلەن ،
غۇنچىلار لىۋىدە كۈتۈرەر قىقاس.

خۇتەن ئاھۇسىنىڭ يۇمران كۆزىدىن،
ئىتراز ئىخلاستا سۇ ئىچەر يولۋاس.
تاغلارنى كۈچ بىلەن ئىرىتكەن فەرھاد ،
بولدى مۇھەببەتنىڭ قوينىدا غەۋۋاس.

تۇران ئىران ئەرمەن يۇنان مۈلكىنى ،
تالاي غېرىچلىدىن ئانا تىلىمدا.
زىمىننىڭ قەھرى ھەم پەلەكنىڭ جەھلى ،
كارىزغا ئايلىنار مىنىڭ قېنىمدا.

بۇلۇتلارنى بېسىپ يىراق ئۇپۇققا ،
مەن كىتىپ بارىمەن شېكىسپىر بىلەن.
پۇشكىن ھەم نىرودا ئەگىشىپ ماڭا ،
سۆزلەر تىلسىمىغا چۆكمەكتە تىرىم.

كۆزۈم كورلىقىدىن يىمەيمەن ۋايىم،
دىلىم كور بولىدۇ تۇتۇلسا تىلىم.
دىلى كور ئۆزىنى تۇنىماس دائىم ،
دىلى كور ئەۋلاتتىن شۈركىنەر تىنىم.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ