بۇلبۇل بلوگى

0

ئەل باتۇرى دېقاندۇر دەڭلار

180

سېخىي كۆڭلى ئېھساندۇر،دەڭلار،
يۇرت ئەزىزى مېھماندۇر،دەڭلار.
ياخشىلارنىڭ بولسا تەرىپى،
ئەل باتۇرى دېھقاندۇر،دەڭلار.
باھار كەلسە بالدۇر دېھقان شاد،
ئېتىزلىرى شەھەردەك ئاۋات.
تورغايلىرى قاقىدۇ قانات،
يەر دىلبىرى دېھقاندۇر،دەڭلار.
تېخى دېھقان كۆرمىگەنلەرنىڭ،
ئاچ-توق قالسا كۆمىگەنلەرنىڭ.
نان تەكتىنى بىلمىگەنلەرگە،
ناننىڭ پىرى دېھقاندۇر، دەڭلار.
ئېتىز شېرىن، دېھقاندۇر پەرھات،
مۆلدۈر ياغسا سالمايدۇ پەرياد.
مۈشكۈللەرنى ئەيلەيدۇ بەربات،
سەھرا شىرى دېھقاندۇر، دەڭلار.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ