بۇلبۇل بلوگى

0

ئەل بار يەردە قىلىپ يۈرمە غەم

235
قەدرىڭنى بىل قەدىرلەنگەندە،
قەدرىڭ كېتەر جەبىرلەنگەندە.
ناخشاڭ بولسا ئېيتىۋال دوستۇم،
پۇرسەت كېتەر قەبىرلەنگەندە.
بېقىپ تۇرۇپ بۇلاق سۈيىگە،
چۈكۈپ قالدىم خىيال تېگىگە
ئېتىزلىقلار يادىڭدا بولسۇن،
ئايلانساڭمۇ ئەلنىڭ بېگىگە.
ئۇچۇپ ئۆتتى تاملاردىن شامال،
قەدەملىرى ئەجەب بىمالال.
بىر ئۆزۈڭنى ئويلاپ ياشىساڭ،
بۇ دۇنيادا تاپمايسەن كامال.
بەرمىگەنگە بەرمەس بۇ ئالەم،
بەرمىگەنىنىڭ شەرەپ-شانى كەم.
ئەل بالىسى دېسەڭ ئۆزۈڭنى،
ئەل بار يەردە قىلىپ يۈرمە غەم.
شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ