بۇلبۇل بلوگى

0

ئېگىك نۇردىن توقۇلغان تاغار

432

ئەسقەر ھۈسەيىنگە:

ئاق بېشىڭغا قايتا كىرگەنمىش قارا،

قەبرىلەرنى باستى سۈر سەن – مەن ئارا.

باشلىرىڭغا تۈننى قوندۇرغان قەدەھ،

تەلمۈرەر ئەسقەرسىراپ خۇپتەن ئارا.

ئىچتى بارىڭنى قەدەھسىز بىر شاراپ،

تۇرمىدىڭ بىر پەسمۇ جىم بىر چەن ئارا.

بىر پەرى تۇرغاي شۇئان يىغلامسىراپ،

تەلمۈرۈپ باغرىڭدىكى گۈلشەن ئارا.

قالدى نەۋائى ساڭا خويمۇ ياراپ،

سەنمۇ ھەم نەۋائىغا ئوبدان يارا.
قاسىم سىدىققا:

گۈزەل سەۋدائى يوقلۇق جىن بولۇپ چاپلاشسا <<خەپ>>دەيسەن،

ساڭا ئۇ بەچچىدان تۇرسا،نىچۈن بىلمەي ئەدەپلەيسەن؟

خۇدا شەكسىز ئەقىلنىڭ گەردىشىدىن بىپايان ھەسسە،

نىچۈن چاشقان ساناپ تۆشۈكسىمان ئاڭ ئىچرە كەپلەيسەن؟

تەسەۋۋۇر كەلكۈنى ئويمان ئەقىلنى كۆل قىلىپ ئوينار،

ئۇنى ھۆكمىڭ سوغىدا توڭلىتىپ مۇزدەك سەدەپلەيسەن.

خۇدا دەرگاھىنى شائىرلىقىڭ بۇرجىدا بويلاپ كۆر،

نىچۈن پەتەك يەكۈنلەرنى قىياس بەھرىگە سەپلەيسەن؟

قېنىڭ يولۋاسلىرى قۇتراپ قەدەھ چاينار،شاراپ يۇتماس،

شاراپتەك قاتمىساڭ بارلىق بىلەن يوقلۇقنى ئەپلەيسەن.

تۇرغۇنلۇق_ ئۆلۈم ، ئىنسان لىغىلداپ توختىماس شەبنەم،

ئۆزۈڭنىڭ بارلىقىن ئەيلەپ ئىجاد،قەبرەڭگە سەپكەيسەن.

بۇ يوقلۇق چاشقىنى يەپ قويمىسۇن <<خەپ>>لەرنى مەنسىتمەي،

بولۇپ بارلىق شارابى بىرلە كەيپ ،يوقلۇقنى تەپكەيسەن.

 

ئابدۇرېھىم ئابدۇللاغا:

قېنىڭ داتلاشمىغاچ دوستۇم،ساڭا زىنھار بىلەي كەتمەس،

ئىمىلداشتۇر ساڭا سەۋدا،تالاي <<كەت>>دەپ تىلەي،كەتمەس.

يارالمىشتىن ساڭا ئەشئار جىنى چاپلاشتى ئارماندەك،

سېنى دەم تارتتى ھەر لەھزە ساناپ يەمچۈك ،يىمەي كەتمەس.

يىگەي ئىپلاسنىمۇ بەزەن،دەم ئۆتمەي قەي قىلىپ تاشلار،

سېنى مىڭ مەررە يالماپ يۈتسىمۇ،بىر مەررە قەي كەتمەس.

دىلىڭ_ جاڭگال،ھەۋەس يولۋاسلىرى قۇتراپ ياسار غەليان،

بېشىڭنىڭ چاقمىقى يوق چەرخىنى كالتەكلىمەي كەتمەس.

تۆكۈلدى ئۈن-تىۋىشسىزلا چېچىڭ يامغۇرلىرى بىھەد،

تۆكۈلسەئەمدى ھەر چاچ بىر قەپەس كۈي كۇيلىمەي كەتمەس.

ئىچىۋەرمە،چىشىنى چاقمىقىڭ مەينىڭ بىھاجەت،بەس،

ياراتقان تۇرسا تەڭرىم مەس سېنى،ئارتۇقچە مەي كەتمەس.

سوقالماس ھېچ ئىجادىڭ بەرقېنى ھىجران،ئى ھىجرانى،

كى بەرقىڭ بەلكى ھىجرانغا ھامان تىغ تەڭلىمەي كەتمەس.

 

زاھىر ئابدۇراخمانغا:

ئوغۇز رەڭلىك شىۋاقنىڭ ئوق غولىدا يورغىلاپ تىنمايدۇ بىر يول قان،

يوپۇق قايرىپ مازار قىسلاچلىرىدا سىلكىنىپ ئەسنەيدۇ بىر گۈلخان.

ئۆلۈمنىڭ شاخلىرىنى ئىرغىتىپ شەبنەملىنەر گەز باغلىغان لەۋلەر،

يۈرەك بايراقلىرىغا زىلزىلە تاشلاپ ئۆتەر تولغاقتىكى ھىجران.

بورانلارنىڭ مۇقامى نوتىغا ئايلاندى-دە، ئۇچتى بېغىرلاپ يەر،

چېقىلدى بۇرجىدا قاننىڭ ئۈپۈكلەر لەرزىدە پەسلەپ كۆيۈك ئاسمان.

چېقىق يوقلۇق كوزاسىدىن چىقار سىرغىپ بۇدەم گۈلگۈن مۇسەللەسلەر،

كېپەنلەردىن تەبەسسۇم بومبىدەك پارتلاپ،ئەجەلنى قىلدى سەرگەردان.

ئېقىننىڭ قايرىلىپ تۇرغان شېخىدىن سەن تۆكۈلگىن مەي بولۇپ زاھىر،

چاقاي قۇببەڭنى،دەپ باغرىڭدا غال-غال ئىندىكىپ كۈتمەكتە بىر شەيتان.

 

ئەخمەتجان ئوسمانغا:

ئۈنۈڭ چالغاندا دوريانى،ئۇسسۇل ئوينايدۇ قەبرىستان،

كۆلەڭگەڭ سۈرگۈنى تويلار سىرىدا بولدى سەرگەردان.

تالاي كرىستسىمان چاقماقلىرىڭ ئۆرتەپ تالاي ئۆلدۈڭ،

يوچۇن تۈنلەر شارابىغا چۆكۈپ مىڭ مەررە تاپتىڭ جان؛

قۇياشنىڭ يات قىزىغا تاشلىنىپ شەھۋەتتە تىترەيسەن،

تېنىڭدىن ساقىغان يىلپىز كۆزىدە چايقىلار ئاسمان.

ئۆلۈم ئوقياسىدىن چەكسىز ئۈزۈلگەن بىر باشاقسەنكىم،

خۇدانى مەست قىلىپ سويلار شاراب بولغانچە يول-يول قان.

گوگۇم يامراپ كۆزۈڭدىن ئوينىغاي چايقاپ بۇ دۇنيانى،

ئۆلۈمدىن سۇ بولۇپ شاخلاپ چاقار بوشلۇقنى بىر ئورمان.

يىقىلدىڭ سەن پەلەكتىن يەرگە بوپ ئىككىنچى رەت مېھمان،

چېكىپ تاشلا جاھاننى،بولدى كۈلدان بىپايان ھىجران.

چۇقۇمكى تەڭرىنى سەن مەست پېتى يەشكەندە باغلاقتىن،

تاراج ئەيلەردە دىللارنى،سېنى ئەنداز قىلار ئىمان.

 

ئەركىن ئىبراھىمغا:

كۈيلىرىڭ چۇڭقۇرلۇقۇڭنى ئوت بولۇپ بويلاپ بارار ،

تاش كەبى كۈندۈزدە ئاڭ دولقۇنلىرى سويلاپ بارار.

بىر يۈتۈپ تىنساڭ شىۋىرغاننى ،چىقار ئاتەش شامال،

گۈل چېنىسىگە ئاياز مۆكمەككە توي ئويناپ بارار.

بىر باشاق ئۆتتى كۆزۈمدىن <<يالت>>قىلىپ قۇش شەكلىدە،

بېلىجان بوپ سۇدا ئۈزمەكنى ھامان ئويلاپ بارار.

بولدى ھامىلدار شۇئان نۇر ئوغلىغا بىر دەستە نۇر،

ئېغىناپ گۈلگۈن شەپەق قوينىدا ۋاي-ۋايلاپ بارار.

ساڭا تۇيدۇرماي سۆيۈپ ئالماققا پۇرسەت ئاختۇرۇپ،

ئەگىشىپ كەينىڭدە ئەشئار جىن كەبى پايلاپ بارار.

 

پەرھات ئېلىياسقا:

بوۋاقلار بەزمە تۈزگەن گۈل زىناقتا ھىدلىنار بىر كۈي،

كۇتۇپ ئىلھاملىرىڭنىڭ بەرقىنى،ئۆكسۈپ تىنار بىر كۈي.

ئۈمىدلەر دەزى شۈرمەل بۇرچىنى قىسقاندا سەزگەي چوغ،

شۇدەم كاچكۇللىرىڭدىن جىلمىيىپ ماراپ قاچار بىر كۈي .

قەغەزلەرنىڭ تاتارغان مەڭزىدىن تارتىندى قان قەبرەڭ،

ئۇياتچان لەۋلىرىڭ قونداقىدىن ھۈركۈپ ئۇچار بىر كۈي.

ھىجىر ئوكيانىدا غەۋۋاس چۈشەپ ئۇخلار سەدەپ قاپچۇق،

قۇلۇلە شەكلىدە قاپچۇق چېكىپ،رەڭ چالغىتار بىر كۈي.

ھەۋەسنىڭ سۇ بولۇپ سىرغىپ چىقار ئەسناسىغا سىلجىپ،

بوۋاقتەك بەچچىدانىڭدا يېنىك تېپىچەك ئاتار بىر كۈي.

 

ئابدۇرېھىم مۇھەممەتكە:

ئاي ئېرىپ شەبنەم بولۇپ ئۆز شەكلىگە تىكلەر سەنەم،

قەبرىلەر قىز كۆكسىدەك،سۈت رەڭگىدە كۆكلەر ئەلەم.

توپ باھادا ساتتى يۇلغۇنلار ئاڭا بىر تال چېچەك،

ئۆز باھاسىنى تاپالماي تولغىنار غەمكىن قەلەم.

پۈركۈگۈچ مەي ئۆڭكۈرى،سەكپارە ئەس ئالۋاستىسى،

ئۇ يېنىپ كەتكەچ قەدەھتىن،بۇلغۇنار دۇردانە غەم.

جۈپ چاناقتىن مارىغاي تۈنلەر بولۇپ ياش،كۈن ئۈزەر،

بىر ئاۋاز دەرتلەر مەلىكەسى ئۈچۈن سالغاي ھەرەم.

گۈل پاكار،يۈكسەك مۇھەببەت مۈكچىيەر تازىم بىلەن،

پۈتمىگەي مەھشەرگىچە سەن تىكلىمەك بولغان سەنەم.

 

ئابابەكرى تۇيغۇنغا:

كۆيدۈرۈپ قارنى، قەدەھكە سۇسىمان ئاتەشنى قۇي،

يىڭنىدىن تاشقان قىياندىن يامرىغان تىترەشنى قۇي.

شاخلىدىڭ يالقۇننى،چوغدىن كۆكلىگەن ئورمان كەبى،

كۈل ئارا ياتقان غولۇڭغا قاندا قاتقان لەشنى قۇي.

سەن ئېگىك نۇردىن توقۇلغان بىر تاغار ئۆڭكۈرسىمان،

ئاسمىنىڭنى ئىرغىتىپ مەي باغلىغان مىڭ چەشنى قۇي

مەسلىكىڭ دەشنام چېكىتلەرنىڭ تاراجىغا ھامان،

قەبرىلەر بەھرىگە يامغۇرلۇق كېچەڭدىن پەشنى قۇي.

كۈننى كەپشەرلەپ ياسا ئالەمنى چايقار بىر قەدەھ،

غەيرى ئالەم ئوتلىغاندا ئېرىگەن مەي مەشنى قۇي.

 

ئىلھامجان ئابلىزغا:

كۆزلىرىڭدە خۇش تەبەسسۇم چايقىلار ئاققۇ مىسال،

بىر غۇۋا ساھىپجامال كىردى چۈشۈڭگە ئېھتىمال.

ئۇ تىرىلمەيلا سېنى قويغانتى چەكسىز ئۆلتۈرۈپ،

گەر تىرىلگەن بولسا جان بەرمەككە ئەمدى يوق ئامال.

گەر چۈشەپ قالساڭ توساتتىن يارنى،قالما تارتىنىپ،

<<بۇ تەسادىپلىق يوقالماس تاشلىغانغا شېشىخال>>.*

چايقىلار سەزگۈڭ،خىيالىڭ گۈلگۈنى،قان كەلكۈنى،

قاتمىغاي ئۆز شەكلىدە ئالەم سېنى قىلغانچە لال.

چايقىلىپ تۇرغاي ئەبەدلىك بىر ئېقىن بىردەم ئارا،

لەھزە شەھۋەت لەرزىدىن مەھشەر سۈيى تاپقاي زاۋال.

سەن ھەۋەسلەر سەلكىنىدە تىترىگەن زىلتار گويا،

چايقىلىپ تۇرغان سۇدەك تاپماس نىچۈن كۈيلەر كامال؟

سەن ئۆلۈمنىڭ ساددا بىر دۇنياسىغا قىلدىڭ سەپەر،

ئۇ پەقەت نەزمەڭدىلا گۇڭگاغىنا ئاچقاي جامال.

 

ئابدۇكېرىم ئوسمانغا:

يالتىراق قان گۈمبىزىدىن كىشنىگەن بىر ئۈن كېلۇر،

ئۇندا چولپان يايلىدىن نۇر يامرىغان كەلكۈن كېلۇر.

ھۈركۈتۈپ قىزلارنى لەۋ تەڭلەپ ئۆتەر بەڭباش شامال،

سېھرىدىن يولۋاسقا تىترەك بەخش ئېتەر شوخ تۈن كېلۇر.

بۇندا بىر ئاققۇ شارابنىڭ كۆكسىدە لەيلەر بىھۇش،

بىخسىغان كۈندۈزنى كۆشەپ ئالجىغان بىر كۈن كېلۇر.

بەلكى چولپان تەڭرىنىڭ مەس چېھرىگە بولغان سېزىك،

مەڭزىنىڭ چەرخىگە توپ-توپ غاز بولۇپ سەپكۈن كېلۇر.

تۇتتى تولغاق <<كەنجى>>مەن دەپ جۆيلۈمە،شائىر تالاي–

<<كەلمە>>دەپ مىڭ مەيلى سەن ئات يايلىدەك يەلپۈن،كېلۇر.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ