بۇلبۇل بلوگى

0

دىل سوراپ يىگانىمەن

313

1

پەسىللەر كەلدى، كەتتى، قالدى قەلبىم بىر مۇھەببەتتە،

مۇھەببەتلىك كۆڭۈل ئىستەپ كۆڭۈل، يىگانە غۇربەتتە.

كۆڭۈللەر نالەسىدىن كەھرىۋادۇر گۈمبىزى دەۋران،

سېزەر ھەركىم ئۆزىنى بىناۋا بۇ شەھرى نۇسرەتتە.

چاقىرغانلار جاۋاب ئورنىدا ئاڭلار ئۆز ساداسىنى،

قالار سەگەكلىرىم دوقمۇشتىمۇ خىلۋەتتە-خىلۋەتتە.

نىتەي، بۇ رەستىدە دەرۋىش سىياق دەناغا رەنا يوق،

گۈزەللەر مەلىسىدىن سۇ سوراپ چاڭقايدۇ ھىجرەتتە.

تولۇن ئاي كۈلسىمۇ ماراپ روجەكتىن ئۇز شەبىستاندا،

ئېشىم پىشمايدىكەن تەپمەي ھارارەت ئۇشبۇ سائەتتە.

پەسىللەر كەلدى، كەتتى، دىل سوراپ يىگانە مەن قالدىم،

ۋۇجۇد بەھرىدە ئۈزدۈم ھەر تەرەپكە بىر ئىتائەتتە.

جاھان يەتمەيدىكەن ئاخشامدىكى شۇ سەجدىگاھىڭغا،

بۇزۇپ روزاڭنى، سۇلغۇن، تاپمىدىڭ لوقما باراۋەتتە.

2

نېمە بار، بىلمىدىم شۇنچە سوزۇلغان ئۇشبۇ تاقەتتە،

كۆزۈم تالدى ،سۆزۈم بىھۇش ،سەھەر ئاخشامدا تائەتتە.

جانان جانانلىقىنى قىلمىدى، كۆرسەتمىدى دىدار،

دۇئا بىرلە يەنە ياد ئەيلىدىم، كى ياخشى سائەتتە.

نېمە ئىستەيدىكىن دەسسەپ يۈرۈپ زاتىنى ئادەملەر،

گويا ئوكيان ئارا سۇ ئىزدىدى، قالدى قىيامەتتە.

ئەقىدە بىنەزەر قالدى، جاھانپەرۋەر گۈزەر قالدى،

پاراغەت شەبنىمى چاقنار، قارا ياپراق-خىيانەتتە.

گۈزەللەر نازىدىن زىنھار تاپالمايسەن گۈزەللىكنى،

گۈزەللەر بەزمىنىڭ كەيپى ئارا سۇلدى ئاھانەتتە.

ئىلاھا، تاقىتىمگە قۇدرىتىڭدىن بەر كاپالەتنى،

كۆرەي ۋەسلىڭنى شەۋقىڭدىن قۇرۇپ چىققان كامالەتتە.

مېنى شائىر ياراتقانسەن، گۈزەللەرگە قاراتقانسەن،

گۈزەللەر ئالدىدا سۇلغۇننى قويما بۇنچە ھاجەتتە.

3

ساڭا شەيدالىقىم، ھېچ بىلمىدىم ،بىر پەيلى شەيتانمۇ؟

دېگىن شەيتانمۇ سەن يا خۇشخەۋەرلىك پەزلى ئىنسانمۇ؟

شەپەقنىڭ خۇلقىدا ئورمانلىرىمنى چايقىدىڭ لەزران،

قېنى ئېيتقىن، ماڭا بىر نەچچە كۈنلۈك كالتە مېھمانمۇ؟

سۆزۈمگە شۇنچە قايىلسەن، گويا ھەق سۆزگە مايىلسەن،

كۆرۈپ تۇرغان قارا كۆزلەر، سېنى سۆيمەككە ئىمكانمۇ؟

ئۆزۈمگە ئوخشىمايمەنغۇ، يېشىم ئەللىككە بارغاندا،

قارا ساچىڭ مېنى بەند ئەيلىگەن ئەپسۇنچى ئارقانمۇ؟

نېمىكىن بىقارار قىلغان، كۆڭۈلنى ئىنتىزار قىلغان،

پەزىلەتمۇ، ھايامۇ، قانمۇ، جانمۇ، ياكى ۋىجدانمۇ؟

قاراشتا بىر مۇسۇلمانسەن لېكىن نېمانچە قىينايسەن،

گۇناھتىن ساقلىنىپ ئۆتمەك ئۈچۈن سەن ياخشى قالقانمۇ؟

پېقىر سۇلغۇننى يار بىلگىن، بۇ ئۆمرۈڭگە تۇمار بىلگىن،

ئەقىدە بىلمىسەڭ، كار قىلمىغاي ھەرقانچە ئىرپانمۇ.

4

زاماننىڭ نازى مەندەك نا ئىلاجنىڭ بولدى غەم دامى،

غېمىمدىن ئۈندى دەۋران ئەھلىنىڭ خۇنابە خەندانى.

خۇمارى تۇتسا ئىشرەتتە مېنى يۆگەپ چېكەر بەڭگى،

يۈرەكلەر بولدى پاسىق بەزمىسىنىڭ داغى-كۈلدانى.

ئىچىگە تۆكتى شائىر قانچىلاپ تۇزلۇق سىياھداننى،

پەلەكنىڭ پەيلىدىن قورقاق سېلىپ كەلگەندە ئىلھامى.

ئۆمۈر مەدەن قېزىپ سۆز ۋادىسىدىن، يورغىلاپ ئۆتتى،

كېكەچلىك مۇنبىرىدە بىناۋالىق بولدى ئۇنۋانى.

ئۇۋا سالسا ئەقىدە بىرلە چىللاپ قارلىغاچلارنى،

نىتەيكى،ئۆمۈچۈكنىڭ تورلىرىغا تولدى ئايۋانى.

تۇتاشتى يەتتە ئىقلىم تور بىلەن، بىر تەنگە ئايلاندى،

شەرەپلەر يادىغا ئالماس مېنىڭدەك رىسقى يەكتانى.

خىزىرغا تەلپۈنۈپ سۇلغۇن، سەھەر-ئاخشام تاھارەتتە،

يېشەر ھېكمەت بىلەن بىركۈن كېلىپ بۇ سىرى غەۋغانى.

5

باغ ئارا سەيلانىمەن، باغدىن باھار كەتكەندىمۇ،
سولۇشۇپ نازۇك بويىنى، لالىلەر ئەگكەندىمۇ.

نامىلەر پۈتتۈم ساياق بەرگى خازانغا پەم بىلەن،

كۈز ئېيى ئاپئاق قىروۋغا نۇرىنى سەپكەندىمۇ.

ئاڭلىدىم بۇلبۇل ئۈنىنى ناشتىدا گۈلقەنت ئارا،

قۇترىغان جۇتتىن قۇلاققا نالىلەر يەتكەندىمۇ.

دىلبىرىم بىخەستىلىكتىن بىلمىدى ئىستەكلىرىم،

تۈن ئارا سەرسان شامال پىنھان رۇجەك چەككەندىمۇ.

كەيپىدىن خۇشلاشمىدى چۈشلەر ئارا قۇش چاڭگىسى،

ئۈژمىنىڭ مەزمۇت غولىنى ھەرىلەر كەسكەندىمۇ.

بالىلار بىنادا ئېكران ئالدىدا تورغا چۈشۈپ-

ياتتى، باغاقچى سەھەرنىڭ چولپىنى يۈتكەندىمۇ.

قېنى، چىقمامسەن بالام، سولغۇن داداڭ لەگلەكچىدۇر،

يوقمىدۇ پەرۋازغا ئىشقىڭ تۇرنىلار ئۆتكەندىمۇ.

6

شىشىنىڭ قوينىدا ھېكمەتنى قۇچۇپ ياتقان سىياھ،

تەڭرىنىڭ لەۋزىدە تەقدىردىن ساداق ئاتقان سىياھ.

رەڭگىدىن تولغان ئەقىلنىڭ كۆزىمۇ بولغاي غەلەت،

قاپقارا چېھرىگە ئىرپان يۇلتۇزى ياققان سىياھ.

بىر قاراشتا قاپقارا، ئاققا مىجەزى مۇپتەلا،

ئاق-قارا چېگراسىدا چاقماقلىرىن چاققان سىياھ.
بىر بۈيۈك پەرمان بىلەن، ئالەمشۇمۇل ئارمان بىلەن،

ئىجتىھاتنىڭ شۇ پايانسىز بەھرىگە ئاققان سىياھ.

ئوتمۇ سەن، تۇپراقمۇ سەن، ياكى نەپەسمۇ، سۇمۇ سەن،

كائىناتنىڭ نەسلىدىن ئۆز زاتىنى تاپقان سىياھ.

ھەق ماڭا بەرگەن قەلەمنىڭ باغرىدا دولقۇن ياساپ،

قولۋىقىمنى لەيلىتىپ مەنزىلنى بويلاتقان سىياھ.

قان بىلەن جان پۇشتى سەن،باتىلغا ھەقنىڭ مۇشتى سەن،

ناتىۋان سۇلغۇنغا تامچە خۇلقىنى چاچقان سىياھ.

7

دېدىممەن گۈلگە قاراپ:دىلرەباكەن،

ئوزارى لەختە-لەختە، بىناۋاكەن.

دېدى گۈل: ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلايمەن،

ئىنساننىڭ قۇلاقلىرى بىداۋاكەن.

دېدىم مەن: يۇلتۇزلارغا قەدەم يەتتى،

ئىنسانلار پاراسىتى نۇر ئاراكەن.

دېدى گۈل: ھەممە ئىشلار راۋان بوپتۇ،

كۆڭۈللەر كۆڭۈللەرگە بىراۋاكەن.

دېدىممەن: شېكەر بىلەن دوست ئىكەنسەن،

ۋۇجۇدۇڭ گۈلقەنت ئارا مىڭ ياراكەن.

دېدى گۈل: شېشىلەردە ئېرىپ كەتتىم،

كەچكۈزدە شېكەر قوينى بىر لاۋاكەن.

دېدىم: بۇلبۇل گۈلىستاندا سايرىغاندا،

كىمگە دەپ ئاراڭلاردا ماجەراكەن.

دېدى گۈل:بارچە گۈلنىڭ زاتى بىردۇر،

گۈللەرگە ھەسەت ئوتى بىر قازاكەن.

دېدىم: سۇلغۇن، كامالەت، نازاكەتتە،

گۈل بىلەن پەنجىلەشسەڭ مىڭ خاتاكەن.

 8

دىل سىرىمنى ئاشكارا قىلساممۇ كارىڭ بولمىدى،

سۆزلىرىم قاتار-قاتار، ھېچ ئېتىبارىڭ بولمىدى.

باغلىرىڭدا تام ئىكەن، تاملاردا شورا بار ئىكەن،

شۇنچە پەرۋىش ئەيلىسەم، ئالما-ئانارىڭ بولمىدى.

قايسى قىسماقتا قىسىلدىڭ، كۆزلىرىڭدە ياش يۇقى،

يۇلقىنىپ چىقماققا نېچۈن، بىر قارارىڭ بولمىدى.

نەۋجۇۋانلىق پەسلىدە رەڭگىڭدە ئەگىيدۇ خازان،

پەملىسەم ئەنبەرگە تولغان گۈل باھارىڭ بولمىدى.

تالى قەددىڭ تەۋرىتىپ، ھەربىرقەدەمدە سەۋر ئېتىپ،

ھەرتامان يۈرسەڭمۇ، يارىڭ-ئىپتىخارىڭ بولمىدى.

يا نىگارىڭ بولمىدى، يارغا خۇمارىڭ تولمىدى،

ياكى مېھرىڭگە سازاۋەر بەختىيارىڭ بولمىدى.

سەنكى سۇلغۇن، بىر مۇساپىرسەن مۇھەببەت ئىلكىدە،

بۇ مۇساپىر شەھرىدە ھېچ خېرىدارىڭ بولمىدى.

9

سېنىڭدىن شۇنچە مەنالار، گۈزەللىك ھەمدە ئېھسانلار،

ئۆزۈركى، مەندە شۇنچە بىۋاپالىق، شۇنچە نۇقسانلار.

قۇسۇرۇم ئۆزرە ياغدى مەرىپەت ھەم مەغپىرەت سەندىن،

ئازارمەن ھەر قەدەمدە، ھەر قەدەمدە شۇنچە پۇشمانلار.

ماڭا ئىدراكنى سەن بەرگەن، ھاياتقا تۇزۇتەم بەرگەن،

سوراقلاپ قىلمىشىمدىن ئالغۇسى ھېسابنى ۋىجدانلار.

ھىدايەت شولىسىغا زاتىدا پىنھانە مايىللىق،

جاھاننىڭ ئەيشىگە مەست بولدى، كەلدى، كەتتى ئىنسانلار.

سوراشتى، ئازمىغانلار ئاز ئىكەن ئۆتكۈنچى ئالەمدە،

چىشىمۇ ياكى ئەركەكمۇ كۆرۈنمەس جىنسى شەيتانلار؟

چىشى مەردانىلەرگە ۋە لېكىن، زەيپانىلەرگە ئەر،

ئۆگەتتى ھەق تۇغىنى چىڭ تۇتۇپ مىراجغا چىققانلار.

ئايا، سۇلغۇن، قۇسۇرۇڭغا باقار لىللاھ نەزەر بىرلە،

قەلەمنىڭ دەردىگە ئاشنا بولۇپ، ھەققە يولۇققانلار.

10

ئۆتتى دەۋرانلار، كى بەرھەم تاپمىدى بۇ ھالىمىز،

پاتتى باتىلغا ئىنايەت ئىستىگەن بۇ غارىمىز.

ھەققە تەلمۈرگەن كۆزۈمنى توستى تىللا سايىسى،

ئاقچىلار شاۋقۇنلىرىغا بولدى غەرق مۇڭ-زارىمىز.

ھەرزامان شاھىتكى، ئىنسان قىسمىتىگە بۇ پەلەك،

خۇلقىمىزنىڭ قات-قېتىدا بار ئىكەن ئەغيارىمىز.

ھەقنى يىتتۈرگەن سەپەر ھىجرانغا مەھكۇمدۇر ئەبەد،

ئاقمىدى ھەرجان ئۆزىگە پەرۋەرىشتە چارىمىز.

دەھرىلىك ئۆرتەيدۇ يىگانە ھەقىقەت ئەھلىنى،

گەر ھەقىقەت ئەھلى خار بولسا، سامان دىدارىمىز.

سەبرىنىڭ ئىنئامى بەش كۈندە نېسىپ بولماس ئىكەن،

دىل تازا بولماس، ۋېسال كۆرسەتمىگەي دىلدارىمىز.

كۆردى ياقۇپمۇ يۈسۈپنىڭ شەۋكىتىنىڭ تەمىنى،

ئاقلىنار سۇلغۇن، دۇرۇس بىر بەندىلىكتە ئارىمىز.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ