بۇلبۇل بلوگى

0

دەريادىكى ئۇسسۇزلۇق

249

1
ساڭا بىر سۆزنى دەرمەن ھەم كۈتەرمەن بىر پەرىشانلىق،
ئۈمىددىن سوڭرە ئاچچىق ئىزتىراپنى بەردى ئىنسانلىق.
كۆڭۈل بەرمە جاھان زەۋقىگە دەيدۇ پەيلى ئودغۇرمىش،
يەنە نېچۈن ئارام بەرمەيدۇ كۆڭلۈمگە قىزىققانلىق.
ئوقۇپ چىقتىم كىتابلارنى كېزىپ مەغرىبۇمەشرىقنى،
ئۆزۈڭنى تۇت دېگەنلەر ئالدىدا شۇنچە ھاياجانلىق.
قېنىمدا بىر سادا، نە بولغۇسى لەۋزىمگە ئايلانسا،
ئۆزۈمكى شۇنچە ئارمانلىق، نېتەي بولماسكى ئىمكانلىق.
نەزەر قىل ماڭا يا رەب،نە قىلارمەن سەلتەنەت سەنسىز،
ياراشقايمۇ نىگارسىز بۇ جاھان ئىچرە سۇلايمانلىق.
مېنى سۆزلەپ سۆزۈمگە بەر، بالاغەتنى، پاساھەتنى،
خىتاب قىلسام، ساما سالسۇن بولۇپ ئاۋات گۆرۈستانلىق.
ئارام ئىستەپ ئۆزۈڭنى نەگە ئالساڭ، بەرىبىر، سۇلغۇن،
ئىچىڭدە بولسا ئوت، بولمايدىكەن ئارامى پىنھانلىق.

2
قەيەردە نەسلى ئىنسان بار، شۇيەردە پەيلى شەيتان بار،
يېڭى يول ئىزدىگەنلەر ئىچرە ھەرياقلارغا ئازغان بار.
قىلىچنىڭ ھەيۋىتىگە تاڭ قېلىپ سۆزلەيدۇ شائىرلار،
قىلىچ ھۆكمىگە باقسام ئۇندا سەندەل بىرلە بازغان بار.
ۋۇجۇدۇم ھالسىراپ تەپرىقىلەردىن خوپ ئارام ئىستەر،
بىلەلمەسمەن، پەقەت ئۆچمەيدىغان قانداقكى خۇمدان بار.
ھەۋەس قاپقان، تەۋەككۈل يوللىرىڭدا كۆمۈلۈپ ياتقان،
ئەگەر سەن ئىزدېسەڭ تېنچلىق بېشىڭغا مىخنى قاققان بار.
بىراۋنى سۆيمىسەڭ داغ سەن، ئەگەر سۆيسەڭ قەلەندەرسەن،
سېنى نازلاپ قاراتقان بار، تالاي غەمنى يولاتقان بار.
رەقىپ بىرلە رەپىقنى قوش گېزەك ئەيلەپ يۇغارغانسەن،
ئىلاھا! مەغپىرەتنى رەھمىتىڭنىڭ ۋەجى تاپقان بار.
كىشى نەپسىگە باشلاندى، كۆڭۈل ھەپسىگە تاشلاندى،
پەلەكنىڭ ھۆكمىنى، سۇلغۇن، قىلىپ قانۇن ياراتقان بار.

3
يەنە مۈكچەيدىم قەلەمدە شام بىلەن خۇپتەن ئارا،
تۇيغۇدىن ھېچبىر ئەسەر يوق، بۇ پەرىشان تەن ئارا.
كۈندۈزى غەمخانىلىق ئىزدەپ، كېزەرمەن رەستىدە،
نە بالالىق كۈن ئىدىكىم، قاپتىمەن خۇپسەن ئارا.
مەن پىراقتىن نامىلەر پۈتتۈم نەشر ئەپكارى يوق،
دىل راۋا تاپقايمۇ مىسكىن بىرلە ئول خۇرسەن ئارا.
شۇنچە ئۇپقۇنلۇق دېڭىزمۇ يەتكۈزەر مەنزىل تامان،
تاپتى نۇسرەتنى يولۇچى يەل بىلەن يەلكەن ئارا.
يىگىنىڭ سىڭگەيمۇ، دىل رەنجىڭ شىپا تاپقايمۇ ھەم،
نۇقتا شەرھى ۋە راۋانلىق بولمىسا مەن-سەن ئارا.
چاينىغان چىشلارمۇ ئۆز رىزقى بىلەن مەمنۇن ئەمەس،
قايسى قىسمەتلەر كۈتەر لوقماڭ بىلەن لىگەن ئارا.
قوڭغۇراقسىز كارۋىنىڭ، سۇلغۇن، قەيەرگە باردىكىن،
كەتمىگىن ئەنسىزلىنىپ تۇشتىن قاۋاپ ھۈرگەن ئارا.

4
قېتىلىپ قاپتۇ ماڭا يانفوندا ئۈندىدارىڭىز،
يازمىلار نەق ھەركۈنى، ئەمما نېسى دىدارىڭىز.
جىلۋىگەر ئوبرازىڭىز چاقنايدۇ ئېكران سەتھىدە،
توپ بولۇپ، توپ-توپ بولۇپ يامرايدىكەن ئىزھارىڭىز.
كۆڭلىڭىزنىڭ قايسى بۇرجىدا تۇرارمەن، بىلمىدىم،
كىم ئىكىن دىلدارىڭىز ھەم كىم ئىكىن ئەغيارىڭىز؟
كۈندە دوستلار سالۇنىغا نەچچە پاتمانلاپ سالام،
ھەممىگە ئاشكارىكەن قىلغان ئەمەل ھەم بارىڭىز.
لەۋزىڭىز گۈلقەنت كەبى بولغان ھاياتنىڭ ماغدۇرى،
قۇدرىتىدىن قالدى بارچە بازارلىق دارىڭىز.
سۇدا ئويناقلاپ ئۈزۈپ، ئۇسسىز قېلىش ئاندىن غەلەت،
بارمۇ بۇ مەھشەرگە ئەمدى بىر كاپالەت چارىڭىز.
بۇ ئېلىكتىر دەۋرىدە يار ۋەسلى مۈشكۈل توختىماس،
يەتمىسە سۇلغۇنغا ئەرزان سۆيگۈدە ئازارىڭىز.

5
تەندە شېرىن جان ئامانەتتۇر ماڭا،
جاننى دەپ ھەركۈن مالامەتتۇر ماڭا.
باغلىنىپ جانىم جاناننىڭ ساچىغا،
ئۇيقۇسىزلىق ئىستىقامەتتۇر ماڭا.
ئول رەپىقنىڭ يانىدا مىڭلاپ رەقىپ-
تۇرسا ئەزۋەيلەپ، ئاھانەتتۇر ماڭا.
سەزگىنىمدە مىسلىسىز يىگانىلىق،
نەزمە يازماغلىق دارامەتتۇر ماڭا.
ھەرسەھەردە پارقىراپ يانسا ئۇپۇق،
ياشىماق ئەھدى كاپالەتتۇر ماڭا.
كۈندە ھەرسائەتتە ھەربىر لەھزىدە،
ئەلدە غاپىللىق، خىيانەتتۇر ماڭا.
جاندا نە ھاسىل مەگەر ئۇ يارىسىز،
چارىسىز سۇلغۇن، قىيامەتتۇر ماڭا.

6
ئۆمۈر ئۆتمەكتە ھەر سائەت بولۇپ ئۈلپەت قەلەم بىرلە،
پۈتەر ھەربىر ئەسەر مەقسەتكە يەتمەستىن ئەلەم بىرلە.
بۈيۈك مەنا چېكىنى ئىزدىگەندە بىپايانلىقتا،
قالارمەن ئولتۇرۇپ، ئەپسۇس چىكىپ، سۇلغۇن لەقەم بىرلە.
بىرى دەيدۇكى مۇنداق ياز، بىرى دەيدۇكى ئۇنداق ياز،
چىقامدۇ ياخشى بىر مىسرا ئاداش بولساڭ بىشەم بىرلە.
سەبىيلىك ۋادىسىدىن خوشلۇشۇپ، بولساڭمۇ دانىشمەن،
قېزىلماس ئادىمىيلىك گەۋھەرى مىڭ بىر قەسەم بىرلە.
تاپارسەن شۆھرىتىڭنىڭ سەھنىسىدە قانچە ئىخلاسمەن،
رىياكارلىق بىلەن قۇتلايدۇ بىر كۈنلۈك ھەشەم بىرلە.
نادان ئەلنىڭ تاپاسى نەق، ۋاپاسى چۆلدىكى ئالۋۇن،
تاپار لوقما بەدەشقاندىن زامان ئاتلىق سەنەم بىرلە.
ھەقىقەت خامىنىنى تاشلىغانغا سال نەزەر، سۇلغۇن،
قالار ئۇ ناتىۋانلىق دەردىدە ئاقچا-دەرەم بىرلە.

7
شەرەپ قۇچساڭ، كېلىپ تۇشتىن سېنى يوقلايدۇ ئىخلاسمەن،
سېنى باشلاپ كاۋاپ، لەغمەن بىلەن قۇتلايدۇ ئىخلاسمەن.
نېمە دەردىڭ، نېمە زەردىڭ، نېمە ئەھدىڭ، نېمە قەدرىڭ،
نېمە كارى، بېشىڭنى مالتىلاپ قاشلايدۇ ئىخلاسمەن.
زەبەردەست قامىتىڭ ئەلنىڭ كۆزىنى ئۆزگە رام قىلسا،
ھەسەتنىڭ ئوغىسىدا قاينىتىپ ئوقلايدۇ ئىخلاسمەن.
سېنى بەزەن «ئاكام» دەيدۇ ۋە بەزەن «پىرى ئۇستازىم»،
ئۆيۈڭگە بىر بەلەن شاگىرت بولۇپ قاتنايدۇ ئىخلاسمەن.
سۆزۈڭگە مۇشتەرى گويا قاچاندۇر نەشتىرى تەييار،
كىرىپ ئالسا ئېپىڭگە بىر مەھەل چىقمايدۇ ئىخلاسمەن.
ئەقىلنى، مەسلىھەتنى ھەم كاپالەتنى ئېلىپ سەندىن،
يىراق ئىقلىم كېزىپ، نامە يېزىپ چاقنايدۇ ئىخلاسمەن.
سوقۇپ تىغ-خەنجىرىنى باشقا تاغنىڭ مەدەنى بىرلە،
تېشىڭنى ئارىيەتكە ئېپ، كېتىپ چاقلايدۇ ئىخلاسمەن.
مانا، سۇلغۇن، چاچار ئەپتىڭگە سورۇپ كۈل-قوقاسلارنى،
شۇ رايىش ئۆتمىشىگە قايرىلىپ باقمايدۇ ئىخلاسمەن.

8
مېنى قويما قەمەر يەڭلىغ قارا يۈزلەر ئاراسىدا،
ۋاپاسى ئالتە كۈنلۈك دىلرەبالارنىڭ بالاسىدا.
ئۆزىچە كەلدى، ناز قىلدى، مېنى چالدىكى ساز قىلدى،
يەنە غەپلەت بېسىپ بىلمەپتىمەن سۆيگۈ تاماسىدا.
لېۋىنى تەڭلىسە چوغلۇق ئۈزۈپ يۈردۈم دېسە ئەسلى،
تالاي سورۇندا قىسماقلار قۇرۇپتۇ كۆز جۇلاسىدا.
جاھاندا ھەممە نەرسە كۇپىيە دەۋرىگە كىرگەندە،
مۇھەببەتمۇ بازارلاردا يۈرۈپتۇ ئۆز قازاسىدا.
ماڭا بۇ سۆيگۈسىز ئالەمدە يۈرمەكلىك بەسىي مۈشكۈل،
جېنىم نالە قىلۇر ئاچچىق ساداقەتنىڭ ياراسىدا.
ئۆزۈم بىر بەندىمەن، بۇ بەندىلەرگە قىلمىغىن مۇھتاج،
قوياركەن بىداۋا، سوڭسىز قەلەندەرلىك جازاسىدا.
نىگار غايىپكى، ھىجران نەق، ۋىسال گوياكى شور دەريا،
ئۈمىدسىز قويما سۇلغۇننى بۇ ئاشىقلىق دەۋاسىدا.

9
جېنىمنىڭ تېزگىنى بىلسەم ئىكەن ئەسلىدە جاناندا،
خىيالىم ئۇندىدۇر مەيلى شەھەرىستان، باياۋاندا.
چۈشۈمگە ۋەسلىدىن ئۆشرە ئېلىپ تاپتىم تەسەللىنى،
ئۇ بىر يۇلتۇز قارايمەن تەلپۈنۈپ ئاخشام پىشايۋاندا.
كۈلۈپ قويسا دىلىم مىراجىغا چىققان بولۇر گويا،
زامان گۈل قاتىدەك ۋاراقلىنار شۇ پەسلى ئىمكاندا.
شامال كەلسە تىلەپ خۇشبۇيلىرىدىن لەھزە لەززەتنى،
ئېچىپ باغرىمنى ياتتىم ئۇھسىنىپ، سەھرادا خاماندا.
ئەجەپ ئىش، سۆيگۈسىزلىك بۇ ئۆمۈرگە بىر قارا مۇدھىش،
لېكىن، سۆيگۈ قويار ئادەمنى مەڭگۈ داغدا، ئارماندا.
نازاكەت مەۋسۈمىنىڭ سېھرىدىن ئەرلەر سىماب بولدى،
قارارى تەۋرىنىپ، سۆلەتمۇ غايىپ مەردۇمەرداندا.
نېمە قىلساڭ قىلىۋەر ناتىۋان سۇلغۇننى، ئەي دىلبەر،
ساڭا تەسلىمدىدۇر ھەر بىر ھۈجەيرەم زارۇئەپغاندا.

10
جاھانغا جاندا نېچۈن بۇنچە مايىللىق،
قېنىمنىڭ مەۋجىدە ئىنسانچە جاھىللىق.
بىرىدىن ئىستىسەڭ تاتلىقىنى، شاتلىقىنى،
بولۇر بەش كۈندە زەرداب، ئۇمۇ تايىنلىق.
تېنىمدە تۇرسا شەيتاننىڭ تاۋاپگاھى،
كۈتەمدىم ئۆزگىنىڭ لەۋزىدە ئادىللىق.
تېشى نەدە ئىكىن تارازا-مىزاننىڭ،
بىراۋدىن بىرىگە يەتكەندە قايىللىق.
تەپەككۇردا ئاشالمايمەن پايانىمدىن،
ياراشقايمۇ ماڭا شۇ ھالدا كامىللىق.
مۇھەببەت دەپ دىلىڭ پەيمانە ھەسرەتكە،
پەقەت يوقلۇق بولۇر ئاخىردا نائىللىق.
ھاياتنىڭ پەيلىگە شەرھىڭ نېمە، سۇلغۇن؟
ئۆزۈڭگە دەل ئۆزۈڭ قىلماقتا خائىنلىق.

2015-يىل 11-ئاي.ئۈرۈمچى

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ