بۇلبۇل بلوگى

0

دەريا مەنزىرىسى

277

قوي بولدى يىرتىق قالسۇن شامال، بۇ قېپقىزىل ساراڭ چۈشنىڭ ئىچىدە

رېئاللىقنىڭ نېمە مەنىسى بار.

بىز بۇ قېپقىزىل ساراڭ چۈشنىڭ ئىچىدە قورۇلۇپ قۇرىغان ئىككى پىستە كەبى

ياتايلى ئۇخلايلى ئويغىنايلى قوپايلى

ئەمەسمىدى، بىر يەرگە قۇلۇپلانغان

بىر كىچىك ياخشىلىق سۆيگۈ دېگەن،

ئەمەسمىدى،خىرۇستالدىن ياسالغان يالغان دۇنيا

قوي بولدى ئېرىشسۇن پۈتۈنلۈككە

كەل قارا تۆپىدىن بىر دەريا مەنزىرىسى

كۆرسىتىپ قوياي ساڭا.
 

* * * * * * *

ئاپتورى: بىرخان كەسكىن

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ