بۇلبۇل بلوگى

0

دېڭىز قىز 

212

نەقەدەر كەڭرى دېڭىز بۇ
نەقەدەر چەكسىز قىز بۇ
نەقەدەر كۆك ئ‍ىز بۇ…
تېنىق كۆزلىرىدە يىغلىۋالغۇم كېلىدۇ
ئ‍ىللىق باغرىدا يېتىۋالغۇم كېلىدۇ
بۇژغۇن پورەكلىرىنى غۇنچە قىلىپ تۈگۈۋالغۇم كېلىدۇ
نەم چاچلىرىنى بارماقلىرىمغا يۆگىۋالغۇم كېلىدۇ…
قەلبىمنىڭ تاملىرى سۇ
ئ‍ىچىدە مەن قۇرۇپ كەتكەن.
ھاياتىم كۆرگۈسىز قىرى چۈش
كېچىلىرى دەردتە يورۇپ كەتكەن.
قان تىم- تىم تورۇستىن
جان بىر نەپەس جىم تۇرۇشتىن،
كېلىچەكتىكى ئ‍ۇرۇشلار
قايتۇرۇپ كېلەلمەس مېنى ئ‍ۆتمۈشتىن.
تۇغۇلدۇممۇ، ئ‍ۆلۈش باشلاندى
بېشىم ئ‍ايىغىمغا تاشلاندى.
سۆيدۈممۇ، ئ‍الدىم ئ‍ارقا تەرەپتە
قەلبىم قايغۇغا ئ‍اتلاندى.
ھايات مۇشۇ بولسا، ئ‍ەمدى
مەن تارتمايدىغان ئ‍ازاب يوق.
مېنى يېشىۋىتىڭلار گۈلدىن
قوغلىۋىتىڭلار كۆڭۈلدىن
ھەيدىۋىتىڭلار مېنى
روھ تۆگىسىنى يېتتۈرۈپ قويغان بۇ چۆلدىن…
مۇھەببەت مۇشۇ بولسا، ئ‍ەمدى
مېنى مەست قىلالايدىغان شاراپ يوق.

چاقىردى مېنى دېڭىز
قارىسام بىر قىز
ياتار ئ‍الدىمدا ئ‍اسماندەك.
دېدى:
سۆي مېنى،
تىز
تىز، تىز…
قۇرۇپ كەتتىم تەكلىماكاندەك!

2015- يىل 26- دىكابىر. سەنيا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ