بۇلبۇل بلوگى

0

دېھقان بولماق تەس

230

شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس ،

سۆزلەيمەن ھەق گەپنى ، يالغاننى ئەمەس ،

بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،

شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مىنى مەس ،

مەستلىكتە دەۋالاي ، لېكىن مەن پەخەس ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،

چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،

ئۇ باقار شەھەرنى ، كىچىپ مەرىدىن ،

ئۇنىڭ يوق تاماسى ،تاختا-پەرىدىن ،

پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئۇ مۆمىن ، بەك يۇۋاش ،ساددا- مۇلايىم ،

بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم ،

دەر: ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم ،

تەقدىردە : ئېتىزدىن ئېلىنمىشلايىم ، رىسقىمنى،

ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

پاراغەت دىلبىرى ئاچقىچە قۇيۇن ،

تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئۇيۇن ،

قىشتا سۇغ ، يازدا ئۇپ ،باھاردا قۇيۇن ،

گاھ كەلكۈن،گاھ تۇمۇ قىسقۇزار بۇيۇن ،

دەر قىسمەت : جاپاغا خام كىكىر- تۇيۇن ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

قاراشلىق كارا بار ئۇنىڭ بېشىغا ،

يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە – دامبا قېشىغا،

ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،

قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئۇ- ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،

شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان ،

كۆيۈدۇ چۇققىسى ، كۆيۈدۇ تاپان ،

چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان ،

ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،

ھە – دىمەي بۇلىدۇ يىغىم تەۋرىشى ،

ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى ،

ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ، قوينىڭ مەرىشى ،

يىل بۇيى ئۆكسمەي پىشىپ تەرلىشى

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نېمى ،

مېنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كېمى ،

ئۈششۈيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خېمى ،

تۇرسا سىرت ئالۋىڭى ، ئۆزىنىڭ غېمى ،

تالجىقسا- ھېرىقسا كېسىلىپ دېمى ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

كېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش ،

دىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش ،

ئوي- پىكرى ھېيت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش،

ئايەم شۇ قازناققا كىرسە كۆپرەك ئاش ،

مەشربى- ماتېمى خاماندا ئاداش ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى ،

توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى ،

يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۆزۈلمەس ئېشى ،

يوق مائاش – دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى ،

ئايدا ساق ئوتتۇزكۈن ئىشلەر ياز- قىشى ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

چوڭ- كىچىك شىنچىلەر يۇقلىماس ئۇنى ،

تەنجىيامۇ شۇيجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى ،

كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى ، يوقلايدۇ ،

ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى ،

شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش ،

ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش ،

ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش- ئوتياش ،

ئۇباققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش ،

ئۇ بولغاچ مەرت ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

مەن ،سەن ، ئۇ سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى ،

دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى ،

نىسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخت پەسلى ،

قەدرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى ،

يەسلىگە سۆزمسۇن قول ، ئاياز پەسلى ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك ،

ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك ،

ئۆزىلا ئاق ،دىھقان كۆڭلى ئالىدەك ،

مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت- يالىدەك ،

رىسقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللىشىپ ،

ھىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ ،

سەھنىدە تۈزىشىپ توختام قوللىشىپ ،

”قاتلىنىپ ئاشتى“ دەپ دوكلات يوللىشىپ

مۇكاپات ئېلىشتى تۆرنى گوللىشىپ ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق تۆھپە ئەمگىكى ،

يىل بۇيى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىكى ،

رەت قىلسا تۆلەم بار ، قالتىس دەللىكى ،

ئەرز قىلسا چاقۇندا قالار پەللىكى ،

دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئۆزىلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى ،

يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئەرز- تىلىگى ،

ھال سۇراپ كىلىشەر خىزمەت ئۈمىگى ،

يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق – يىمىگى ،

بارى بار نەھاجەت ،ئۇ-بۇ دىمىگى ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۈمەككە ،

ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسىز مۇنەككە ،

بىز گويا قارچۇغا ؛ چۈشكەن تۈنەككە ،

مۇھتاج بىز يورۇققا ،بىر يار – يۈلەككە ،

دىمەيمىز بۇگەپنى سىزدىن بۇلەككە ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ساق تۇرۇپ ئىككى قول – ئىككى پۇتىمىز ،

دەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيتنى تۇتىمىز ،

تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز ،

كىملەرنىڭ پەيلىدىن نابۇت پۇتىمىز ،

قاچانمۇ ئۇتۇلماي ، يىڭىپ ئۇتىمىز ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

جەدىۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى ،

ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى ،

ئالدايدۇ دۆلەتنى ، سېلىپ زىياننى ،

پوچىلىق ، نوچىلىق ، قىينايدۇ جاننى ،

جەرىمان توختىماي كولايدۇ ياننى ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

يۇرت- يۇرتتىن تەڭلەيدۇ ، كۆڭلەك ،

چاپان-كەش، ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش ،

بىزشۇنداق تىلەمچى ، گاداي كۆڭلى غەش ،

قىززىق ئىش يەر مۇنبەت ، ھەر خاماندا چەش ،

بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

كۆردۈڭلار ھالىمىز شۇقەدەر ناچار ،

قازناقلار قۇپ- قۇرۇق ،چاشقانمۇ قاچار ،

يەي دسە تۈگىدى ، يىمىسە ئاچار ،

بىز نىچۈن بۇپ قالدۇق بۇ ھالغا دۇچار ،

كەتسەڭلار “ چاقتىڭ “ دەپ قەھرىنى چاچار ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

ئوغۇتمۇ پۇل دەيدۇ ، يالتىراقمۇ ھەم ،

تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ ، جىنچىراقمۇ ھەم ،

پۇل دەيدۇ تاغارمۇ ، تۇخىناقمۇ ھەم ،

پۇل دەيدۇ يولدىكى بوغىناقمۇ ھەم ،

پۇل قېنى ؟ پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

دىسىمۇ مەركەزدىن باي بولسۇن دىھقان ،

كىمگىدۇر ياقمىغاچ دىھقانغا ياققان ،

ھەددىدىن ئاشماقتا “ ئۈچ قالايمىقان ”،

بەس ئەمدى كۈتەرمەي بولمايدۇ چوقان ،

چاچمىغىن سېلىقكەش ، يۈز- كۆزگە قۇقان ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا ،

دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا ،

دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا ،

كىم دىدى ”دىھقاننىڭ قېنىنى شورا “ ؟

دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

دىھقانمۇ ياشىسۇن ، كۈلسۇن ،يايرىسۇن ،

دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن ،

دىھقانمۇ كۆكلىسۇن ، ئۆسسۇن- ئاينىسۇن ،

قازىنى ماي كۆرسۇن ، پات-پات قاينىسۇن ،

ئۇ….ھ دىسۇن ،ھېيت – بايرام مەشرەپ ئوينىسۇن ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

سەن بىزدەك گەدىنى قاتقان نەدە بار ؟

مىۋە يەپ شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟

تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە بار ؟

دىھقاندەك ئەل – يۇرتنى باققان نەدە بار ؟

ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار ،

جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس

 

شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن ،

شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن ،

شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغرىدا ئۆسكەن ،

شائىرمەن توي كۆرگەن ناغرىدا ئۆسكەن ،

يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن ،

تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ