بۇلبۇل بلوگى

0

دادام ئۇلۇغ بوياقچى

263

نېمە دېگەن كەڭرى بۇ ئاسمان؟
نېمە دېگەن كەڭرى بۇ ئاسمان؟
نېمە ئانچە يورۇق يۇلتۇزلار؟!

مەن ئېرىشمەكچى بولغان رەڭگە ئاخىرى ئېرىشتىم
مەن سۆيمەكچى بولغان ئاينى ئاخىرى سۆيدۈم
مەن ئىسمىنى قويماقچى بولغان يۇلتۇزنى ئاخىرى تاپتىم

دادام ئۈلۈغ بوياقچى
بەرپا قىلغان ھويلىمىزدا ئاسمان رەڭگىنى
كەڭ دالا
چاھار پاي يايلاپ يۇرگەن ھويلىمىزدا
تاغلار تۇتاشقان ئايىقىمىزغا
بۈلۈتلار پۇتلىرىمىز ئارىسىدا
بىزنى مىسلىسىز كەڭ ئاسمان قۇچاقلايدۇ
ۋۇجۇدىمىزدا
توپلاشقان بارچە يۇلتۇز
جان يۇلتۇزلىرى چاقنايدۇ

دادام ئۈلۈغ بوياقچى
سىزىدۇ ھاۋاغا ھەممە نەرسىنى
تامنى،دېرىزىنى،دەرۋازىنى…
سۇۋادان تېرەكلەر ئەسكەرلىرى
ھەر بىر كۆچەتكە قويغان بىزنىڭ ئىسمىمىزنى

ئۇ بىز ئۈچۈن جەننەتنىڭ رەڭگى
ئۇ بىز ئۈچۈن خىزىرنىڭ قولى
بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزلىرى
بىز ئۇنىڭ تۇغ-ئەلەملىرى…
كېتىۋاتقان سەپنىڭ ئالدىدا
لەپىلدەۋاتقان بوشلۇقتا

دادامنىڭ ئالىقىنىدا
ئاسمان كەڭ بولسا بولۇر شۇنچىلىك
دادامنىڭ بارماقلىرىغا
ئۈمىد يورۇق بولۇر يۇلتۇزچىلىك
دادامنىڭ بوياقلىرىدا
جەننەت گۈزەل بولۇر ۋەتىنىمچىلىك…

دادام ھەممە نەرسىنى كۆك سىزايدۇ
دادام مەڭگۈ يېشىللىقتا ياشايدۇ
ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئاغرىقچان ئۇ
سەۋرچان ئەييۇپ(1)كە ئوخشايدۇ
چوڭقۇر ئۇھسىنىپ كۆككە قارايدۇ
يۇلتۇزسىز تۇنلەردە نالە قىلمايدۇ
تالاي كېسەللەر دادام تېنىدە
ئۆلىدۇ خىجىللىقتا كۇندە
ئۇلار سەمىرىپ كەتكەچكە كۇندىن-كۇنگە

دادامنىڭ بىر قېتىممۇ ۋايسىغىنىنى بىلمەيمەن
كېسەل كارۋىتىدا قىزىل گۈللەر ئىچىلىدۇ
بوغۇق ئۇنىدىن ئىپار تارايدۇ
ئارمان بىلەن باقار ھەر كېچە
ئاي مارىلاپ تۇرغان ئاسمانغا…

دادامنىڭ ئاغرىقى –ئەنە شۇ ئاسمان…

2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ