بۇلبۇل بلوگى

0

دادا!

460

ئەگەر تېنىڭ رايىڭغا باقسا
ھاساڭ بىلەن مېنى قوغلۇغۇڭ،
ئۆيىمىز ئالدىدىكى تېرەكتىن يەنە بىر يىقىلغۇڭ
كۆڭلۈڭدىكى قىزنى ئالغۇڭ بار…
دادا،
ماڭا ئېيتىپ بەر،
ھاساڭنى تۇنجى قېتىم تۇتقاندا
تۇنجى قېتىم ئېھتىيات بىلەن ئۆرە بولغاندا
نېمىلەرنى ئويلىدىڭ؟
ئەمدى مېنىڭ كەينىمدىن يېتەلمەيدىغانلىقىڭ،
ئەمدى كارىۋات بىلەن ھويلا
خىياللىرىڭ بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا
بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي يۈرىدىغانلىقىڭ،
بەشىنچى خوتۇنۇڭنىڭ ۋاپادارلىقى
سېنى غېرىپسسۇندۇردىمۇ؟

چوڭقۇر ھېس قىلدىڭ
كېچە، كۈندۈز ناۋاقتىكى كېچە، كۈندۈز،
كارىۋات نەۋاقتىكى كارىۋات،
نەپەس يولى كېسىلى نەۋاقتىكى كېسەل!
ئالماشتۇرۇش كېرەك!
ئالماشتۇرۇلمايدىغان بىردىن بىر نەرسە
سەندۇرسەن پەقەت.

يېنىڭغا ئالدىراپ بارىمىز
ئەھۋال سورايمىز ۋە «نېمە لازىم» دەيمىز
سەن «ھەممە نەرسە بار» دەپ
لازىم نەرسەڭنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن
بىزنى دەل ۋاقتىدا ئۇزىتىپ قويىسەن،
چۈنكى
بىرسىمىزنى خوتۇن ساقلاپ تۇرىدۇ
بىرسىمىزنى خىزمەت ساقلاپ تۇرىدۇ
بىرسىمىزنى بالا ساقلاپ تۇرىدۇ
بىرسىمىزنى ئەر ساقلاپ تۇرىدۇ
بىرسىمىزنى ھېچكىم…
بىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىز –
سېنىڭ ئۈچۋاق تاماق يىيىشىڭ،
ئەمەس بىر ۋاقىتتا
تېلېفونلىرىمىزنىڭ سايرىماسلىقى.

سېنى قارىغاي دېسەم
تاش دېسەم
بۇلۇت دېسەم
ئوت دېسەم
سەن يەنىلا بىر ئادەم بولۇپ
سېلىپ كەلدىڭ تىلىمغا قۇلۇپ.

ساڭا قارىسام
چىدىيالمايمەن،
جېنىڭدەك ئۆزەمنى تۇتۇشقا تىرىشىپ
ئاخىرقى شاختا تىترەپ تۇرىمەن.

دادا!

2016- يىلى 17- دېكابىر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ