بۇلبۇل بلوگى

0

چىمەنىستان

229

(1)

ئازاب پۈتكەن ۋۇجۇدۇمدا سېزەرمەن مىسلى غەلياننى.
قازارمەن تىرنىقىم بىرلە بېسىلغان ئىزگۈ ئارماننى.

يۈسۈپ چۈشكەن قۇدۇقتا ئاي يۇيۇنسا كۆك چاراسلايدۇ،
پەرق ئەتمەس ھايات بەرقى سۈزۈك كۆز ياش بىلەن قاننى.

ۋىسالنىڭ پەيتى بىر مەررە، لېكىن قىسمەتلىرى چەكسىز،
كېزەرمەن بىر ئۆمۈر قەھرىم خاراب ئەتكەن بۇ ئورماننى.

قىيامى ئۆچمىگەن لەۋلەر لىغىرلار چۈش سىياقىدا،
قەپەزگە تاشلىغاي كىملەر كۆيۈك ئالىقاندىكى داننى.

ئىشقسىز بىر كۈنۈم ئۆتسە ياغار قەلبىمگە مىڭ كۈلپەت،
كۈتەر تۈننىڭ چىمەنزارى ئاراملىق ئىستىگەن جاننى.

(2)

يىرىڭلىق لەۋ پايانىدىن تاراملار ئىشق لاۋا چەندان.
ھايات كۆكىدە پارلايدۇ دىلى ھۆرلەر ئۇرۇپ خەندان.

قەدەملەر ئۆركىشى يالماپ يۇتار ئويلارنى، ئايلارنى،
خازانلىق يولدىمۇ، ھەيھات، تېپىلماس شۇ كەبى غەمخان.

قىياندەك يامرىغان چاچلار بەدەنلەر قەھرىگە تال-تال،
كۆيەر ھەر لەھزە كۆز ياشتا چېچەكلەپ شام كەبى ئارمان.

چاقار ئەينەكنى، بىلمەيسەن، سوزۇلغان قايسى قابىل قول؟
قىلار مېھرىڭدە توختاۋسىز خىياللار دەھشىتى جەۋلان.

ئۆمۈرنىڭ سەلكىنى يەلپۈپ ئۆتەر گۈللەرنى، يوللارنى،
پۇرار خۇشبۇي ئازابمۇ ھەم قۇچاق ئاچسا چىمەنىستان.

(3)

ئەتىرگۈل شاخلىرى قات-قات كۆيەر تىمتاس يۈرەكلەردە
ئەقىل زەنجىرىدەك دەردلىك بۇلۇت يامرار پەلەكلەردە.

ھارارەت تەپتىدىن ياشناپ كۆكەرگەن چۈش باياۋانى
ئۇچۇرما بولمىغان قۇشتەك بۇقۇلدايدۇ تىلەكلەردە.

ئىشىك، تۇڭلۇك ئېتىلگەن چىڭ شامالنىڭ شەپىسى كىرمەس
لېكىن تاملار قاراسلايدۇ مېھىر سىڭگەن بىلەكلەردە.

قوناقلىققا كىرىپ كەتكەن جۇۋاننىڭ كۆزلىرى كۈندەك
پۈتۈن خۇۋلۇق-ئازابلارنى چىقار يۆگەپ ئېتەكلەردە.

چىمەنلەر باغرىدا نەمخۇش قەدەملەر سەلكىنى يۇمران
خىيالنىڭ قۇردىشى بىرلا بەخت-سۆيگۈ كېرەكلەرگە.

(4)

چىلان رەڭلىك تورۇق ئاتنى مىنىپ كەلسەڭمۇ نە ھاسىل؟
بولالمايمەن مانا ئەمدى سېنىڭ ۋەسلىڭگە مەن نائىل.

كۈنۈم ئۆتكەندە يامغۇرلۇق ئۈنۈمنى باقمىدىڭ ئاڭلاپ
بىلەلەيسەن سېغىنچىمنى ھايات بولساڭلا، ئەي ئاقىل.

مېنىڭ قەھرىمگە رەڭداشتۇر ھىدىمنى سەزمىگەن شۇ يول
يوشۇرمايمەن، نېسىپ بولماس ماڭا ھابىل ۋە يا قابىل.

قىلىچلاپ ئۆز تېنىمنى، ئاھ، قۇياشنى ئەيلىسەم سەۋدا،
بىراق شۇ دەمدە زەنجىرلەپ دېمەس ھېچكىم مېنى قاتىل.

سۆيۈلگەن، سۆيگنىم راستتۇر ئۆمۈرلۈك قىسمىتىم بىرلە
قالارمەن ئەسلىنىپ شەكسىز چىمەنلىكتە، خۇدا ئادىل!

(5)

يۈرەكنىڭ بېغىشى بىرلە غۇۋا ئۈن يانچىلار رەت-رەت،
سۈرەنلەر ئەۋجىدە بۇ دەم قارا كۆزدىن ئاقار زۇلمەت.

رىزق شاخىدا شىلدىرلاپ ئۈزۈلگەن ئۇشبۇ نۇرلۇق تەن
سۈزۈك قان مەۋجىدە يامرار غېرىبلىققا بېرىپ تاقەت.

مېھىر ئازغۇنلىقى سىڭگەن چىغىر يوللاردا سۇسىزلىق
ئۈمىد گۈلشەنى چەيلەنگەن ئازابتا بىر تۇتام راھەت.

ۋىسال-ھىجران پەرقسىزدۇر خىياللار بولمىسا تۇتقۇن،
ئۇچار روھ قۇشلىرى ئاتەش داۋانلاردىن تىلەپ ئاپەت.

كۆيەر جان مۈلكى ھەركىمنىڭ چېقىنلار دەشتىدە شۇ چاغ
داۋالغۇيدۇ گۈزەل چۈشتەك چىمەنلەر ياشنىغان خىلۋەت.

(6)

سىلكىنەر تەن قورغىنى خۇلقى-سىياقى مىسلى قار.
سەزگۈلەر ھىجرىدە كۈندىن ئىزدەيدۇ كۆزلەر شەرم-ئار.

تەشۋىشى يوقتۇر كۆيۈك روھنىڭ ئازابتىن زەررىچە،
ئەھلى ئىنسانلار بىلۇر بۇندا مۇقەددەس ناخشا بار.

ئاي يۈزىدە سۇپسۈزۈك داغ نۇرلىنار پىل-پىل قىلىپ،
ئاھ، ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى قىلماس كۆڭۈل چۆلىدا كار.

قىز چانايدۇ چاچلىرىنى ھەسەن-ھۈسەن يىتكەن كېچە،
غۇنچىلايدۇ تىترىگەن بارماق ئارا بىر سېھرىتار.

قۇش پېيى توزۇپ تۆكۈلگەن باغلارمۇ ھېچ سولغۇن ئەمەس،
ياپيېشىل ئوت ھەم چىمەندەك دىل قەسرىگە كۆچكەن باھار.

(7)

ئېغىر دەملەردە سەن بار دەپ لېۋىمنى چىشلىدى قان-قان،
قولۇمنى جۈپلىدىم مۇڭلۇق يۈرىكىمگە ياساپ ئايۋان.

رىيازەت ئىستىگەن قۇشتەك قونۇپ مەن تۈن پىراقىغا
بۇلۇت چۆككەن قاراقىمنى قىلىپ ھەمدە ئۆزۈمگە دان.

لىغىرلار ئېرىگەن يۇلتۇز كۆزۈمنى يۇممىقىم مۈشكۈل
قوڭۇررەڭ چاچ كەبى، ھەيھات، چاراسلاپ كۆيگىنى ئورمان.

ئارامىم پەسلىدە كۆكلەپ ئىمان سۈيىدە نۇرلاندىڭ
بالام، ئەمدى يەنە مىڭ رەت جېنىم بىرلە بېرەي دەرمان.

نادامەت چەكمەيدۇ ھېچبىر ئەر چىمەنلىك بولمىسا قاقشال
ئاناڭ كۆكسىدىن قان ئاقسا ئۆزۈڭ باش بوپ كۆتەر غەلىيان.

(8)

يېپىنچامنى شامال قايرىپ ئۇچۇرسا سەن تامام كۈندە،
پىراقىڭغا ئىلىنغايمۇ يېنىپ ئاتەش بولۇپ تۈندە.

سۇلايمان ھېكىمىتى بىرلە ياشارغايمۇ ھايات ۋەسلى،
ماكانى كۆكتىكى قۇشنىڭ تىلىنى بىلسە گەر بەندە؟

كۆزۈڭنىڭ زۇلمىتى چىرماپ شوراپ يىتكەن بۇ باغرىمنى،
بۇ دۇنيالىق مېلىم شۇ دەپ ئاۋايلاپ يۈرىمەن تەندە.

تىنىقلار ئەۋجىنى پۈتكەن ئۇلۇغلۇققا چۆكەلمەس كىم،
لېۋىنى قان قىلىپ كاككۇك پىغان چەكسە غېرىپ ئۈندە؟

ياقاڭنى سۆك، يېشىڭنى تۆك قېنىم دەرياغا ئايلانسۇن،
جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن چىمەننىڭ يىلتىزى سەندە.

(9)

پۇچۇلاپ كۈلگىن ئۈنۈڭدە ھىجرىڭنى سەن ئەتسەڭ بايان.
بىر ساڭا مۇشتاقلىقىم ئالەم ئارا بولۇر ئايان.

كۆكسى چوڭقۇر كۆك دېڭىزنىڭ ئاستىدا يۈرگەن بېلىق
ۋەسلى ئىمكانى پۈتۈپ بولغان يۇنۇسقا ھۆر ماكان.

قىسمىتىمنى مۈشكۈلات كەلكۈنى ھېچ قىلماس خاراب،
سەن مېنىڭ باغرىمدا نۇردەك چايقىلىپ بولساڭ ئامان.

ئىشقىمىز ھەم مېھرىمىزدىن ئوت بولۇپ يانسا زېمىن،
كار قىلامدۇ كۈلكىمىزگە بۇ ھايات سالغان توغان!؟

مەي بولۇپ پىشقان ئۈمىدنىڭ لەھزىدە بىر تال چىمەن،
قىيغىتىپ دۇلدۇللىرىڭنى قول سوزۇپ كەلگىن جانان.

(10)

بىز مېڭىپ گۈللۈككە كەلسەك ئاي مېڭىپ يانىمغا كەلدى.
ئول پىراقىڭنىڭ ئوتى ئەمدى بۇ جانىمغا كەلدى.

سىلكىتىپ سۇمبۇل چېچىمنى ئەيلىسەم باغرىمنى قان،
سەن ئۇچۇرغان ئىزگۈ قۇشلار ئايلىنىپ تارىمغا كەلدى.

قەھرىتان كۈنلەر ئۇزاپ قالدى يىراقتا ھەممىسى،
مېھرىڭ ئۇيۇتقان نۇر-زىيا بۇ كۆڭۈل غارىمغا كەلدى.

يايرىدىم ئاشىقلىقىمنى پەيمانە ئەيلەپ دىل ئۈچۈن،
ئەشئارلىرىمنىڭ سۈلكىتى قاينىغان قانىمغا كەلدى.

سەندە بولغاچ يەتتە ئىقلىم غۇلمانلىرىنىڭ بەركىتى،
بارچە خۇش ھىد، بار پەزىلەت گۈل چىمەن باغىمغا كەلدى.

(11)

سەۋرنىڭمۇ چېكى باردۇر، مۇراد ۋەسلىڭنى گۈل قىلغىن.
مۇشەققەت ئىچرە بۇ جاننى قارا بەختىڭگە ئۇل قىلغىن.

قۇرۇتتىن پاكلىنىپ ئەييۇب يۇيۇنغان نۇر-زىيا بىرلە،
كۆيۈشنى ئىستىسەڭ شۇدەم ئارامىڭنى ئۇيۇل قىلغىن.

جاراھەتتەك ۋىلىلدايدۇ بۇلاقنىڭ كۆزلىرى، ئەركەم،
ئېقىشنى بىلمىگەنلەرنى كۆڭۈل باغىدا تۇل قىلغىن.

يېشىنى مەي قىلىپ تۇتقان غېرىبنىڭ كۆكسىدە خەنجەر،
ئۇرۇلسا سەن تامام ھەردەم سالام بىرلە قوبۇل قىلغىن.

جاھان يەكتالىرى بىلگەي چىمەننىڭ قۇردىشى ئوتتۇر،
مەگەر بىلسەڭ بۇ ئۆمرۈڭنى ئىشق ئەھلىگە قۇل قىلغىن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ